新闻详情

ئۇكرائىنا كوماندىسى ئاۋسترىيە كوماندىسى مۇسابىقە تەھلىلى

发表时间:2021-06-21 16:17来源:ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى

640-24.gif640-59.png

بېيجىڭ ۋاقتى 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى   كەچ سائەت 12:00 دە، ياۋروپا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى C گۇرۇپپا 3-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، ئۇكرائىنا كوماندىسى ئاۋسترىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

نۆۋەتتە، ئىككى كوماندا ئۈچ نومۇرغا ئېرىشتى. لېكىن كىرگۈزگەن توپ سانى ئەۋزەللىكى رەت تەرتىپىدىن قارىغاندا، ئوكرائىنا كوماندىسىنىڭ بېسىمى ئاۋسترىيەدىن ئاز . چۈنكى ئۇكرائىنا تەڭلەشسىلا، ئۆز گۇرۇپپىسىنىڭ 2-لىك ئورنىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ. ئەلۋەتتە، ئەگەر تەڭلىشىپ قالسا ئاۋىستىرىيەنىڭمۇ ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن گۇرۇپپىدىن ئۈچىنچى بولۇپ چىقىش پۇرسىتى چوڭ بولىدۇ. بىراق تەڭلىشىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا ، ئاۋسترىيىلىكلەرنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش تەقدىرى ئۆز قولىدا بۇلالمايدۇ ،شۇڭا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە   ئاۋىستىرىيەنىڭ يېڭىشتىن باشقا ھېچقانداق تاللىشى يوق.


ئۇكرائىنا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتۇپ ياكى تەڭلىشىپ قالسا، 16 كۈچلۈككە كىرگەندىن كېيىنكى رەقىبى بولسا، A گۇرۇپپىدىكى   1-بولۇپ گۇرۇپپىدىن چىققان ئىتالىيە كوماندىسى بولىدۇ.

بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئالاھىدىلىكى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، جەڭگىۋارلىقىمۇ ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. خەلقئارا رەت تەرتىپتە ئوكرائىنا 24 -ئورۇندا، بىر قەدەر قىزىق يېرى شۇكى، ياۋروپا رايونىدىكى رەت تەرتىپتە ئاۋسترىيە 15-ئورۇندا، ئۇكرائىنا 16-ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ كوماندا باھاسىدا ئاۋسترىيە كوماندىسى 288 مىليون فوندستېرلىڭ، ئۇكرائىنا 177 مىليون فوندستېرلىڭ. دېمەك، يۇقىرىقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ مەيدان مۇسابىقىگە ھۆكۈم قىلىش ھەقىقەتەن تەس.


تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئاۋسترىيە بىلەن ئۇكرائىنا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە تەجرىبىسىمۇ ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇكرائىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 8 كۈچلۈككە كىرگەن   بولۇپ، بۇ قېتىممۇ 2012-يىلى تۇنجى قېتىم ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتناشقاندىن كېيىن ئۇدا ئۈچىنچى قېتىم ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە كىرىشى ھېسابلىنىدۇ.


ئاۋىستىرىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا 3-لىككە ئېرىشكەن . شۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارالىق چوڭ مۇسابىقىلەردىن يىراقلىشىپ كەتتى. 2008-يىلى، ئاۋىستىرىيە ساھىبخان سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم ياۋرۇپا لوڭقىسىغا قاتناشقان بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن 2016-يىلى يەنە بىر قېتىم ياۋرۇپا لوڭقىسى قاتارىغا كىرگەن. بۇ قېتىملىق ياۋرۇپا لوڭقىسىغىمۇ ئاۋىستىرىيەنىڭ 3-قېتىم قاتنىشىشى.



素材1.jpg

分享到: