新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى 172600 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-06-07 13:41作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىقلاتارىيەسى «شادلىق 8» ئۇيۇنى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭبۈگۈر ناھىيەسىدىكى 65285502 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ناھايىتى قىزىپ كەتتى،ئانچە چوڭ بولمىغان دۇكانلارنىڭ سودىسىمۇ ناھايىتى قىزىپ كەتتى. 4- ئاينىڭ 23- كۈنىئەتىگەندە، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا يەنە بىر خۇش خەۋەر تارقالدى، ئەسلىدە لاتارىيەچىشياۋجاڭ «شادلىق 8» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

شياۋجاڭگەرچە يېشى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقىنىغا خېلىيىللار بولغانىدى، ئۇ ھەر ئايدا ئازراق «لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش پۇلى» نىيىغىپ، پىلان بويىچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالاتتى. يېقىنقى بىر مەزگىلدە، شياۋجاڭئۆتكەلنى ئىگىلەپ، نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن نەزىرىنى «شادلىق 8» ئويۇنىغاقويۇپ، ئۇدا نەچچە قېتىم كىچىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇ «شادلىق 8» نىڭ خۇشاللىقىنىھېس قىلدى.

22-ئاپرېل،شياۋجاڭ ئادەتتىكىگە ئوخشاش 65285502 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ،«شادلىق 8» يۆنىلىش خەرىتىسى ئالدىدا ئىسسىق-سوغۇق نومۇرىنى كۆزىتىپ ۋە تەھلىلقىلىپ، يەنە يېقىندا چۈشۈپ قالغان نومۇرنى كۆرۈپ، شۇ قاراردا جۈپ سان بىر قەدەر كۆپبولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شياۋجاڭ يەنىلا ئۆزى ئۇستا بولغان «دەن 4 چۈەن تو» ئۇسۇلىنىقوللىنىپ، «بەشنى تاللاش» ئۇسۇلى بويىچە ئويناشنى قارار قىلدى، ئەمما كەيپىياتىياخشى بولغاچقا، ئىلگىرىكى بىر ھەسسىلەپ دو تىكىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، نەچچە ھەسسەدو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللاندى.

مالساتقۇچى شياۋجاڭ دېگەن نومۇرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: ـــ «نەچچە ھەسسە كېلىسىلەر؟»-دېدى،شياۋجاڭ بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ: ـــ «مەن ئۆزۈمگە بىر قېتىم جەڭ ئېلان قىلىشنىقارار قىلدىم. 10 ھەسسە بولسۇن! بەلكىم ماڭا ئامەت كېلىشى مۇمكىن! »-دېدى،ئويلىمىغان يەردىن شۇ كۈنى «شادلىق 8» مۇكاپات ئېچىلغاندىن كېيىن، شياۋجاڭ بەختكەيارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 172600 يۈەن بولدى.

بايىنغولىنئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىن مۇكاپات ئالغاندىن كېيىن، شياۋجاڭ:«"شادلىق8" ئۇيۇنى ھەقىقەتەن بەك قىزىقارلىق ئىكەن، ئەمەلىي نەپ كۆپ ئىكەن! بۇ قېتىممۇكاپاتقا ئېرىشىپ، مېنىڭ "لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش پۇلى" تېخىمۇ يېتەرلىكبولدى، مەن تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇلنى سىناپ، تېخىمۇ كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈنتېرىشىمەن!»-دېدى.

(بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇڭشۈەنلىن)

分享到: