新闻详情

راستلا مۇكاپات چىقتى! مۇكاپات چىقتى!

发表时间:2021-06-07 17:43作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى


«راستلا مۇكاپات چىقتى! مۇكاپات چىقتى! » 4- ئاينىڭ 22- كۈنى، سانجى ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى شياۋۋۇ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «بەش كالا سۈرىتى» بېلەت تۈرى بويىچە 100 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شۇ كۈنى، شياۋ ۋۇ سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئۆيىدە پەيدا بولدى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، شياۋ ۋۇ كاتتا مۇكاپات بىلەن باغلىنىپ قالغانلىقىدەك قىزىقارلىق كەچۈرمىشنى سۆزلەپ بەردى:«مەن ئادەتتە تاسادىپىي لاتارىيە سېتىۋالىمەن، مۇكاپاتقا ئېرىشىش كەچۈرمىشىمنى تىلغا ئالساق، ئۆزۈمنىڭ شۇنچە تەلەيلىك ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم، گاڭگىراپ قالغان ھالدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، مۇكاپات سوممىسى تېخى 100 مىڭ يۈەن!»-دېدى.

بىر پەس تۇرغاندىن كېيىن، شياۋ ۋۇ يەنە تولۇقلاپ: « بۈگۈن نۆۋەتلىشىپ دەم ئالدۇق، قىلىدىغان باشقا ئىش يوق كوچىدا لاغايلاپ يۈرۈپ، بىر پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، مال ساتقۇچىنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن، مەن كەسكىنلىك بىلەن قىممىتى بەش يۈەنلىك بىر بولاق "بەش كالا سۈرىتى" لاتارىيە بېلىتىنى تاللاپ تەلىيىمنى سىناپ باقتىم.»-دېدى، شياۋ ۋۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ھەربىر پارچە لاتارىيە بېلىتىنى قىرىپ چىقتى، بىرىنچى پارچىسىدا مۇكاپات چىقمىدى، ئىككىنچى پارچە لاتارىيە بېلىتىدىن 5 يۈەن مۇكاپات چىقتى، ئۈچىنچى پارچىسىدىن مۇكاپات چىقمىدى، تۆتىنچى پارچىسىدىنمۇ مۇكاپات چىقمىدى ، تۇيۇقسىز بۇ لاتارىيە بېلەتلىرى ئىچىدىكى بىر پارچىسىدىكى «مېنىڭ مۈچەل» قىرىلغان توخۇ سۈرىتى بىلەن «تەلەيلىك مۈچەل» توخۇ سۈرىتى ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىدى، شياۋ ۋۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن « مېنىڭ مۈچەل» نىڭ ئاستىدىكى مۇكاپات سوممىسىنى قىرىپ چىقتى، 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. شياۋ ۋۇ ھاياجانلانغانلىقىدىن ئۈستەلگە ئۇرۇپ كەتتى، ساننىڭ ئارقىسىدىكى نۆلنى قايتا-قايتا سېلىشتۇردى، شۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق تەلەيلىك ئىكەنلىكىگە زادىلا ئىشەنمىدى.

مۇكاپات پۇلى ئالغاندا، مۇكاپات پۇلىنى قانداق پىلانلاش ھەققىدە سوئال سورالدى، شياۋۋۇ سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، خىجىل بولغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: « كونكرېت نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى تېخى ئويلىشىپ بولالمىدىم، مۇكاپاتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، مەن ئاۋۋال ساقلاپ قويۇپ، كېيىن قانداق ئىشلىتىشنى ئويلىشىپ ئاندىن ئىشلىتىمەن، تۇرمۇشىمنىڭ كۈندىن كۈنگە ياخشى بۇلۇپ كىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»-دېدى.

(سانجى فېڭرۇي)




分享到: