新闻详情

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىلدى

发表时间:2021-06-09 12:05作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

سانجى پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى «قىزىل ئەسلىمىلەرنى ئەسلەش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش» پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى


جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش ئۈچۈن، 2021 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسى «قىزىل ئەسلىمىلەرنى ئەسلەش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش» پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىدىكى بارلىق خادىملار ئەرليۇگۇڭ بازىرى خۇڭشىڭ كەنتىدىكى شىنجاڭ شىنخۇي قىزىل ئەسلىمە مۇزېيىغا كېلىپ، دۆلەت شېئىرى ئېيتىش، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش، پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىنى ئوقۇش، نەزەرىيە ئۆگىنىش، لېكسىيە سۆزلەش، قىزىل شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىش، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش تەربىيەلىنىش تەسىراتىنى سۆزلەش، مۇزېي ئىچىدىكى قىزىل ساقلانمىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئورتاق ياد ئەتتى، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا ھەربىر قىممەتلىك بۇيۇمنىڭ ئارقىسىدىكى تارىخىي ھېكايىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى، بۇ قىممەتلىك ئەسلىمىلەر خۇددى ئىنقىلاب يىللىرىدىكى قاينام ـ تاشقىنلىق يىللارنى قايتىدىن كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلدى.

بىر سائەتتىن كۆپرەك ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق، پارتىيەلىك كادىرلار سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن تەييار بولدى، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىغا بولغان تونۇش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە تارىخىي بۇرچىنى تېخىمۇ ئەستە چىڭ ساقلاپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خالىس تۆھپە قوشۇش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىشتەك خىزمەت قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىدى.

ئېكسكۇرسىيە جەريانىدا، بىر پارتىيە ئەزاسى ۋەكىلى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە بىر قېتىملىق مەنىۋى تاۋلىنىش، بۇنىڭدىن كېيىن مەن چوقۇم ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن، جاپادىن، ھېرىپ ـ چارچاشتىن قورقماسلىق روھىنى ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىدىن ئوزۇق ئېلىپ، خىزمىتىمنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن.»-دېدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، بارلىق خادىملار مىنلې مەھەللىسىگە كېلىپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پائالىيەت جەريانىدا، كۆپچىلىك «قىياپەتنى ئۆزگەرتىپ» پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى پىدائىيلارغا ئايلىنىپ، جاپا ـ مۇشەققەتتىن، ھېرىپ ـ چارچاشتىن، مەينەتچىلىكتىن قورقماسلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بەس ـ بەستە مىنلې مەھەللىسىگە قاراشلىق رايوندىكى تاماكا قالدۇقى، كېرەكسىز قەغەز پارچىلىرىنى «ئالا قويماي» تازىلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مۇھىتنى تېخىمۇ پاكىز، رەتلىك قىلدى.

بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش ـ تەربىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىكى بارلىق ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى:«قىزىل ئەسلىمىلەرنى ئەسلەش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش» پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى بىر قېتىملىق ئىدىيەنى زىلزىلىگە سېلىش سەپىرى، بىر قېتىملىق قەلبلەرنى ساپلاشتۇرۇش سەپىرى، بىر قېتىملىق قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش سەپىرى، بۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىك «جان ـ دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» خىزمەت ئىدىيەسىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

(سانجى فېڭرۇي)

分享到: