ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

"شادلىق 8" ماڭا ھەقىقەتەن زور خۇشاللىق ئاتا قىلدى

发表时间:2021-06-10 13:52作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى« شادلىق 8» ئويۇنى يېقىندا قەشقەر ۋىلايىتىدە ئالاھىدە قىزىپ كەتتى، بولۇپمۇ توردا ئالقىشقا ئېرىشكەن ئويناش ئۇسۇلى «دەنما چۈەن تو» تېخىمۇ ئەۋج ئالدى. قەشقەر شەھىرىدىكى لاتارىيەچى شياۋۋاڭ بىردىنلا قايمۇقۇپ قالغان ئەھۋالدا «دەنما چۈەن تو» نى سىناپ باقتى، بەختكە يارىشا« شادلىق 8» ئويۇنىدا « سەككىزنى تاللاش» ئۇسۇلى بويىچە 698000 يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، شياۋ ۋاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە بىلەن يېڭىدىن تۇنۇشقان بولۇپ، پەقەت ئېسىگە كەلگەندە ئاندىن دو تىكىش پونكىتىغا بېرىپ بىر قانچە قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىكەن. 4 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ئۇ قەشقەر شەھىرىدىكى 65310196 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ پونكىت ئىچىگە كىرىپ، بىر قانچە دو قوش رەڭلىك توپ نۇمۇرى تاللىدى، نۇرغۇن لاتارىيەچىلەرنىڭ «شادلىق8» ئويۇنى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ساتقۇچىلاردىن «شادلىق 8» ئۇيۇنىنىڭ ئويناش ئۇسۇلىنى سورىدى. مال ساتقۇچىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، شياۋ ۋاڭ « سەككىزنى تاللاش» ئۇسۇلىنى سىناپ باقماقچى بولدى، چۈنكى «8» بىلەن «تارقىتىش» دۆلەت تىلىدا ئاھاڭداش بولغاچقا، ئۇ بەخت تىلەشنى ئويلىدى. مال ساتقۇچىنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن، شياۋ ۋاڭ «دەن 7 چۈەن تو» تىن ئىبارەت دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تەپسىلىي تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، « 17، 20، 22، 32، 40، 49، 78» نى دەنما قىلىپ، قالغان 73 نومۇرنى بىر يولىلا توما قىلىپ، « سەككىزنى تاللاش» ئۇسۇلى بويىچە «دەن 7 چۈەن تو» دىن بىر پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى.

شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات تارقىتىلغاندىن كېيىن، شياۋۋاڭ تورغا چىقىپ مۇكاپات نومۇرىنى سۈرۈشتۈرگەندە، ئۆزىنىڭ يەتتە تال دەنما نۇمۇرىنىڭ ھەممىسىگە چىققانلىقىنى بايقىدى، ئۆزىگە «سەككىزنى تاللاش» ئۇيۇنىدا 50000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ھېس قىلدى، يەنە كۆڭلىدە تەلىيى ئوڭدىن كەلگەنلىكىدىن خۇشال بولغان. كىم بىلسۇن، ئىككىنچى كۈنى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ سېلىشتۇرغاندىن كىيىن، مۇكاپات سوممىسى 698000 يۈەن ئىكەنلىكىنى بىلدى! شياۋ ۋاڭ بىردىنلا گاڭگىراپ كەتتى. مال ساتقۇچى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ «دەن 7 چۈەن تو» ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن، بىر قاتار مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى، مۇكاپات سوممىسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

4 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، شياۋ ۋاڭ شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى:«"شادلىق 8" ماڭا ھەقىقەتەن زور خۇشاللىق ئاتا قىلدى، ھەقىقەتەن بەك تاسادىپىيلىق، بەك قىزىقارلىق بولدى!»-دېدى.

(قەشقەر تاڭ شياۋرۇڭ)

分享到: