新闻详情

قانائەتچان، دائىم خۇشال بولىدىغان روھىي ھالەت ئاسان قولغا كەلمەيدۇ

发表时间:2021-06-11 11:02作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

4 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتە، شياۋ چېن ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن قومۇل شەھىرى چىڭيۈرەن مېھمانسارىيىغا بېرىپ، دوستىنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشتى. توي مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قومۇل شەھىرى فۇشىڭ يولى 65220158 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتكەندە، شياۋ چېننىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش ئىلھامى كەلدى. ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تېپىش، ئاپتوموبىل توختىتىش، ئوتنى ئۆچۈرۈش، ئۇدۇل پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېرىش، پۈتۈن ئىشلارنى ناھايىتى تىزلا تاماملىدى. پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپلا، شياۋچېن ئۆزىنى ناھايىتى ئەركىن ھېس قىلدى، ئۇ مال ساتقۇچى سۈي ھەدە بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن، تامدىكى شادلىق 8 ئويۇنىنىڭ يۆنىلىش خەرىتىسىنى كۆزىتىشكە باشلىدى، بىر تەرەپتىن تەتقىق قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن سۈي ئاچىدىن شادلىق 8 ئۇيۇنى نۇمۇرى ھەققىدە مەسلەھەت سورىدى.

ـــ« بۈگۈن مېنىڭچە "ئىككى يەتتە" دە ئۈمىد باردەك قىلىدۇ، « 27» ۋە« 67» ، سىزنىڭچىچۇ؟ ــ »-دېدى سۈي ھەدە كۈلۈپ تۇرۇپ. ـــ «بولىدۇ! ئەمىسە سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلاي، مەن يەنە تۆت نومۇرنى تاللىۋالاي، بۈگۈن دەل ھەپتە ئاخىرى، مەن "يەتتىنى تاللاش ئۇسۇلى دەن 6 چۈەن تو» نى ئوينايمەن، مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن! »ــ دېدى شياۋچېن. يۆنىلىش خەرىتىسىنى خېلى ئۇزاق ۋاقىت كۆزەتكەندىن كېيىن، شياۋچېن ئاخىرى « 08، 91، 72، 67، 68، 72» دېگەن دەنمانى بېكىتتى.

شۇ كۈنى كەچتە، شادلىق 8 ئويۇنى 2021097-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، شياۋ چېن ئىشەنگۈسى كەلمىگەن ھالدا قولىدىكى لاتارىيەگە قاراپ تۇرۇپ قالدى، ھەتتا مۇكاپات نەقلەشكىچە بولغان ئارلىقتا يەنىلا ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە ئىشەنمىدى، بۇ شياۋچېننىڭ كۆپ يىللىق لاتارىيە سېتىۋېلىش ھاياتىدا ئېرىشكەن ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتى بولۇپ، جەمئىي 5972 يۈەن بولدى.

ئەتىسى سەھەردە، شياۋچېن خۇشال ـ خۇرام ھالدا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، شياۋچېن ئەپسۇسلانغان ھالدا خۇرسىنغان ھالدا:« بۇ قېتىمقى مۇكاپات ھەقىقەتەن زور كۈچ بەردى، لېكىن ئەڭ چوڭ ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، 100 نەچچە مىڭ يۈەنلىك چوڭ مۇكاپات بىلەن پەقەت بىرلا نومۇر كەم ئىكەن، بىراق گېپىمىزگە كەلسەك، بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا مەن رازى بولدۇم، نېمىلا دېگەن بىلەن قانائەتچان كىشىلەر دائىم خۇشال تۇرىدۇ-دە! لاتارىيە سېتىۋېلىشتا ياخشى روھىي ھالەت بولۇش ئەڭ مۇھىم.»-دېدى.

(قومۇل شېڭخۇي، جاڭ لۇڭيۈ)

分享到: