新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى 5516446 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-06-14 14:00作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

4-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە، ئاقسۇ شەھەرلىك 65290112 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى، بۇ پونكىتتىكى بىر لاتارىيەچىنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى 2021042-قاراردا 1 دو 1-دەرىجىلىك مۇكاپات،6 دو 3-دەرىجىلىك مۇكاپات چىقىپ، جەمئىي 5516446 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

بۇ تەلەيلىك ئادەم دەل پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ «كونا مەستانىسى» يەن ئەپەندى ئىدى. يەن ئەپەندى ئۈمىدۋار، ئوچۇق-يورۇق بىر لاتارىيەچى بولۇپ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئۆزىنى ئازادە تۇتۇپ، كەيپىياتنى تەڭشەيدىغان ئويۇن ئىدى. يەن ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ قوش رەڭلىك توپنى شىنجاڭدا بازارغا سالغاندىن باشلاپلا سېتىۋېلىشنى باشلىغان ئىكەن، گەرچە ھەر بىر قارارنىڭ ھەممىسىدە سېتىۋالمىسىمۇ، لېكىن پات-پات پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ تۇرىدىكەن.

4- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتە، يەن ئەپەندى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىپ، ئولتۇراق رايون ئەتراپىدىكى 65290112 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تۇيۇقسىز شۇ كۈننىڭ قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى مۇكاپات كۈنى ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى، شۇنىڭ بىلەن كىرىپ قوش رەڭلىك توپ سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى. يەن ئەپەندى يۆنىلىش خەرىتىسىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئىنچىكىلىك بىلەن تاللىغاندىن كېيىن، « 7 + 1» نىڭ قايتىلانما نومۇرغا دو تىكىشنى قارار قىلدى، چۈنكى مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئىشەنچىسى كىچىك دەپ بولغاچقا، پەقەت بىر ھەسسىگىلا دو تىكتى، بېلەتنى ياخشى ئۇرغاندىن كېيىن، يەن ئەپەندى دو تىكىش پونكىتىدىن ئايرىلدى. شۇ كۈنى كەچتە، 65290112 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى ئۈندىداردا توپ ئۇچۇرى تارقىتىپ، پونكىتتا شۇ قارارلىق قوش رەڭلىك توپ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتى چىققانلىقىنى ئېيتتى، يەن ئەپەندى دەرھال قولىدىكى لاتارىيە بېلىتىنى سېلىشتۇردى، ئويلىمىغان يەردىن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكىنى دەل ئۆزى بولدى!

4 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، يەن ئەپەندى ئايالى ۋە ئاچىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىدە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، ئۇ خىزمەتچى خادىملارغا مۇنداق دېدى:«مەن شۇنچە كۆپ يىل قوش رەڭلىك توپ ئوينىغان بولساممۇ، يەنىلا تەكرار دو تىكىشتە ئەڭ ئىشەنچىلىك دەپ قارايمەن، مۇكاپات نىسبىتى خېلى يۇقىرى. مەن ئادەتتە تەكرار دو تىكىش ئارقىلىق بەزى كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، بۇ قېتىم تەكرار دو تىكىش ئارقىلىق بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، بۇ مېنىڭ تەكرار دو تىكىشكە بولغان ئىشەنچىمنى تېخىمۇ ئاشۇردى! »-دېدى. مۇكاپات پۇلىنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا سورىغاندا، يەن ئەپەندى ئائىلە تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاشنى ئالدىن ئويلىشىدىغانلىقىنى، قالغىنىنى كېيىن ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(ئاقسۇ فەنيەنچى)

分享到: