新闻详情

چاقلىق ئورۇندۇقتىكى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىشىغا ياردەم بېرىلدى

发表时间:2021-06-15 12:35作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

چاقلىق ئورۇندۇقتىكى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىشىغا ياردەم بېرىش

قاراماي پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىكى پىدائىيلار پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىردى

كۆيۈنۈش قەلبتىكى بىر ئارشاڭ، قىشتىكى قۇياش نۇرى، باھاردىكى شەبنەم، شۇنداقلا يازدىكى سالقىن جاي.

قەلبلەرنى ئىللىتىش كۆپچىلىك پاراۋانلىقى، مېھىر-شەپقەت ياردىمى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى سىز بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. 4 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، قاراماي شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىكى پىدائىيلار 65020029 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى خەن شېڭگۈينىڭ يارىلانغان قىزىغا چاقلىق ئورۇندۇق ئاپىرىپ بېرىپ، سەمىمىي ئىللىقلىق يەتكۈزدى.

خەن شېڭگۈي پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش پونكىتى قۇرۇلغان 11 يىلدا جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، ئەتراپتىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، سېتىش ئەھۋالى مۇقىم بولغان، ئائىلىسى باياشات بولمىسىمۇ، ئەمما كۈنلىرى مۇقىم، ئىللىق ئۆتكەن، ئەمما بۇلتۇردىن باشلاپ تىنچ تۇرمۇش تۇيۇقسىز بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئائىلىسىدە كېسەل چىقىپ، ئەسلىدىلا ئانچە باياشات بولمىغان ئائىلە ئىقتىسادى غورىگىل بولۇپ، تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالغان. يېقىندا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇرغان قىزىنىڭ پۇتى يارىلىنىپ سۆڭىكى سۇنۇپ كېتىپ ماڭالماي قالغان، بۇ خەن شېڭگۇيغا يەنە بىر قېتىم زەربە بولدى، قىزىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلدىكى ئوقۇش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش خەن شېڭگۈينى ئەندىشىگە سالدى.

قاراماي شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىكى پىدائىيلار بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرىدىن ۋاقىتلىق بىكار تۇرغان چاقلىق ئورۇندۇق ئارىيەت ئېلىپ، خەن شېڭگۈينىڭ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا ئەۋەتىپ، كىچىك قىزغا قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ، تاكى كىچىك قىزچاق مەشىق قىلىپ پىششىق ئىگىلىگەنگە قەدەر ئۆگەتتى. چاقلىق ئورۇندۇق بولغاچقا، قىزچاقنىڭ نورمال ئوقۇشى ۋە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش مەسىلىسى ھەل بولدى.

خەن شېڭگۇي قىزىنىڭ چاقلىق ئورۇندۇق ئىشلەتكەنلىكى ۋە چىرايىدىكى تەبەسسۇمنى كۆرۈپ، پىدائىيلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، قايتا ـ قايتا مۇنداق دېدى:«رەھمەت، كۆپ رەھمەت، چوڭ قىيىنچىلىقىمنى ھەل قىلىپ بەردىڭلار.»-دېدى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، قاراماي شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىكى پىدائىيلار پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ «ياشانغانلارغا، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، يېتىملارغا قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش» ئاساسىي مەقسىتىنى باشتىن ـ ئاخىر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزدى.

(قاراماي جاڭچى)

分享到: