新闻详情

سانجىدىكى لاتارىيەچى «شادلىق 8» نىڭ مول مېۋىسىنى تېتىدى

发表时间:2021-06-16 13:06作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

1-ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئامەت كۈتىۋېلىندى

سانجىدىكى لاتارىيەچى «شادلىق 8» نىڭ مول مېۋىسىنى تېتىدى


          5 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى،   1 ـ ماي دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرقى ئىككى كۈنىدە، سانجى شەھىرى 65230229 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن مۇكاپات چىققانلىقى خۇش خەۋەر تارقالدى، بۇ پونكىتتىكى لاتارىيەچى دىڭ ئەپەندى «شادلىق 8» ئويۇنى ئويناپ، بەختكە يارىشا 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

دىڭ ئەپەندى تىلغا ئېلىنسا، 65230229 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى لى خانىمنىڭ چىرايىدىن مەمنۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى، ئۇ مۇنداق دېدى:«شياۋدىڭ پونكىتتىكى كونا لاتارىيەچى، لاتارىيە سېتىۋالغىنىغا بەش يىلدىن ئاشتى. بۇ قېتىمقى ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا، شياۋدىڭ يەنە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغىلى كەلگەندە، ئاندىن مەن ئۇنىڭ خىزمەت سەۋەبىدىن ساياھەتكە چىقالمىغانلىقىنى بىلدىم، بوش ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ بىر نەچچە تال لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كۆڭۈل ئېچىشنى ئويلىغان. شياۋدىڭ ئەمدىلا بېكەتكە يېتىپ كېلىشىگە، مەن ئۇنىڭغا "شادلىق 8" نىڭ توردا ئالقىشلاش ئۇسۇلىنى سىناپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدىم، يەنى بەشنى تاللاش «دەن 4 چۈەن تو»، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە دەنما 02، 18، 55، 73 لارنى ئۇنىڭغا پايدىلىنىشقا تەۋسىيە قىلدىم، ئەڭ ئاخىرىدا شياۋدىڭ مېنىڭ تەكلىپىمنى قوبۇل قىلىپ، بۇ تۆت تال دەنمانى تاللىدى، ئويلىمىغان يەردىن راستتىنلا مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقەتەن خۇشال بولدۇم!»-دېدى.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، دىڭ ئەپەندى لى خانىمنىڭ قولىنى تۇتۇپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھەدە، تەۋسىيە قىلغىنىڭىزغا رەھمەت، مەن تۇنجى قېتىم "شادلىق 8" ئويۇنىنى ئويناپلا 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم! بۇنىڭدىن كېيىن مەن بۇ ئويۇننى داۋاملىق تەتقىق قىلىمەن ھەم باشقا دو تىكىش ئۇسۇللىرىنى كۆپرەك سىناپ باقىمەن، ئۆزۈمنىڭ ئامىتىنىڭ داۋاملىق داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»-دېدى.

ئىگەللىنىشچە، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى «توردا ئالقىشقا ئېرىشكەن دو تىكىش ئۇسۇلى» «شادلىق 8» ئويۇنىدىكى «بەشنى تاللاش» «دەن 4 چۈەن تو» ئىدى. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، تۆت نومۇرنى تاللاپ دەنما قىلىش، قالغان نومۇرنى كەينىگە سۈرۈش، دو تىكىش سوممىسى جەمئىي 152 يۈەن، قىزىقارلىق بولۇپ، بىرلىشىپ سېتىۋېلىش، نومۇر ساقلاشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. دىڭ ئەپەندىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەتتا تەھرىرنىڭمۇ «دەن 4 چۈەن تو» نى سىناپ باققۇسى كەلدى!

(سانجى فېڭرۇي)

分享到: