新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى ئېركىن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-06-18 14:59作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

5 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، قىممىتى 20 يۈەنلىك «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» 800 مىڭ يۈەنلىك تۇنجى مۇكاپات غۇلجا ناھىيەسىدىكى بىر قازاق كېلىشكەن يىگىتكە چىقتى. قازاق يىگىت ئېركىن چارۋىچى بولۇپ، ھەر قېتىم تاغدىن چۈشكەندە، ئۇ يول ئۈستىدە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ ئايلىنىپ كېلىشنى ياخشى كۆرەتتى، بىر نەچچە دو « قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ لاتارىيەچىلەر بىلەن پاراڭلىشاتتى، گەرچە چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ باشتىن-ئاخىر مۇشۇنداق كەيپىياتنى ياخشى كۆرەتتى.

5 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، ئېركىن تاغدىن چۈشۈپ ئىش بېجىرگەچ ئائىلىسىگە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئالدى، ئىشىنى بېجىرىپ بولغاندا كۈن پاتقان بولسىمۇ، ئۇ كۆڭلىگە پۈككەن بىر ئىش بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش، كۆڭلىدە ئويلىغاننى چوقۇم پۈتتۈرۈش كېرەك ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ غۇلجا ناھىيەسى 65410310 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى. پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەندىن كېيىنكى بىرىنچى ئىش بىر قانچە دو «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇن نومۇرىنى تاللاش بولۇپ، 10 نەچچە مىنۇت كۆرۈش ئارقىلىق، بەش دو « قوش رەڭلىك توپ» نىڭ يەككە نومۇرى قەغەزگە يېزىلدى.

ئېركىننىڭ بىر ئادىتى بار، ئۇ بولسىمۇ كومپيۇتېر بېلىتىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم بىر نەچچە دو «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ پۇخادىن چىققۇچە ئوينايتتى، بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كىيىن، ئۇنىڭ كۆزى كۆرگەزمە ئىشكابىدىكى قىممىتى 20 يۈەنلىك «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بېلىتىگە مەركەزلەشتى، ئىككى تال ئېلىپ، بىرىنچى پارچىسىدا نەتىجىسى بولمىدى، ئىككىنچى پارچىنى قىرغاندىن كېيىن، «مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن « مۇكاپات نومۇرى» ئوخشاش « 04» بولدى. بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان مۇكاپات سوممىسى 800 مىڭ يۈەن ئىدى. ئېركىن بۇنى كۆرۈپ ھەيران قالدى، ئەتراپتا قاراپ تۇرغان لاتارىيەچىلەرمۇ خۇشاللىقىدىن قىن ـ قىنىغا پاتماي قالدى.

ئەتىسى ئېركىن ئۆزى يالغۇز ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىردى. سۆزمەن ئېركىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: « ھەقىقەتەن كۈتۈلمىگەن ئىش بولدى، مەن لاتارىيە سېتىۋېلىپ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىغانىدىم، بۇ قېتىم كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ئۆزۈمنى بەك تەلەيلىك ھېس قىلدىم. بۇ مۇكاپات پۇلىنى قانداق ئىشلىتىشنى تېخى ئويلىشىپ بولالمىدىم، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئۆيدىكىلەر بىلەن تەپسىلىي مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن قارار قىلىمەن. لېكىن پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋېلىش ئادىتىم ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقى ھەقىقەتەن بەك كۆپ!»-دېدى.

(ئىلى ياڭخۇي)

分享到: