新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-06-18 19:02作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى پېشقەدەم لاتارىيەچى «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» ئۇيۇنىدا 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

سانجى شەھىرىدىكى لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى ئۈچۈن ئېيتقاندا، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش بىر خىل تۇرمۇش ئادىتى بولۇپ، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلمايدۇ، پەقەت خۇشال بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ!

5-ماي جاڭ ئەپەندىنىڭ تەلىيى كېلىپ توسۇۋالالمىغاندەك ئەلپازدا 65230116 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا لاتارىيە سېتىۋالغان ھەمدە بىر ئاز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«بەخت قۇشى مېنىڭ بېشىمغا قوندى! ئويلىمىغان يەردىن 10000 يۈەن مۇكاپات چىقتى.»-دېدى، مۇكاپاتقا ئېرىشىش جەريانى تىلغا ئېلىنسىلا، جاڭ ئەپەندى قولىنى پۇلاڭشىتىپ: «دېگۈدەك جەريان يوق، بۇ تەلەي!»-دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، جاڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق مەستانىسى بولۇپ، ئىشتىن سىرتقى بوش ۋاقىتلىرىدا ھامان 65230116 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ بىر نەچچە تال « قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىكەن ھەمدە بىر نەچچە تال «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىكەن، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇكاپاتقا ئېرىشىش-ئېرىشمەسلىكنىڭ كارايىتى چاغلىق، لېكىن دائىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىغان بىر قانچە لاتارىيەچىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، چاي ئىچىشمۇ بىر خۇشاللىق ئىش ھېسابلىنىدىكەن.

شۇ كۈنى، جاڭ ئەپەندى لاتارىيە كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى رەڭگارەڭ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» لاتارىيە بېلىتىنى كۆرۈپ، بىردىنلا ئالدىنقى مەزگىلدە ئەڭ مودا بولغان قىزىل رەڭلىك « دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» تەرىپىدىن جەلپ قىلىندى، ئۇ مۇنداق دېدى: « ئاڭلىشىمچە، بۇ لاتارىيە بېلىتىدە خېلى ياخشى مۇكاپات چىقىدىكەن، بېلەت نامىمۇ ئاڭلىماققا ناھايىتى قالتىس ئىكەن، مەنمۇ سىناپ باقاي.»- ئۇ شۇنداق دەپلا ئىككى پارچە «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» سېتىۋالدى. جاڭ ئەپەندى قولىغا تەگكەن « دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» ناملىق ئىككى لاتارىيە بېلىتىنى كۆرۈپ، بىر مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتنىڭ ئۇنىڭغا قول پۇلاڭلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولدى، ئۇ بىر تەرەپتىن ئېھتىيات بىلەن يوپۇقنى قېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن مال ساتقۇچى بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى، دەل شۇ چاغدا يان تەرەپتە ئۇنىڭ لاتارىيە بېلىتى قىرىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ تۇرغان لاتارىيەچى ھاياجانلانغان ھالدا جاڭ ئەپەندىگە: « مۇكاپاتقا ئېرىشتىڭىز! مۇكاپات چىقتى.»-دېدى، «ئەسلىدە چاقچاق قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغانىدىم»-جاڭ ئەپەندى ئېسىگە كېلىپ قاراپ، بۇ بېلەتتىكى «مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن «مۇكاپات نومۇرى» نىڭ ئوخشاشلا «43» ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ راستتىنلا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى، بىر چەتتە تۇرغان لاتارىيەچى تىت ـ تىت بولغان ھالدا: « قاراپ باقە، زادى قانچىلىك مۇكاپات چىقتى؟»-دېدى.

ـــ«تەڭرىم، ئون مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقىپتۇ!!»-پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ھەش-پەش دېگۈچە قىززىپ كەتتى، كۆپچىلىك جاڭ ئەپەندىنىڭ تەلىيىگە ھەۋەس قىلىشتى، جاڭ ئەپەندىمۇ ھاياجانلانغانلىقىدىن چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ، بۇرۇنقى ھارغىنلىق ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى تۈگەتتى. گەرچە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىققان بولسىمۇ، ئەمما جاڭ ئەپەندىم بۇنىڭدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولۇپ،ئۇ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى.

(سانجى چېنجيەنمىڭ)

分享到: