新闻详情

مېنىڭ ئامىتىمنىڭ داۋاملىق داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

发表时间:2021-06-21 13:24作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئويۇنى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، لاتارىيەچىلەرگە پۈتۈنلەي يېڭى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش تەسىراتى ئېلىپ كەلدى، كۆپچىلىك بەس-بەستە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ «ئىزدىنىش» ئارقىلىق يېڭى ئويۇننىڭ لەززىتىنى ھىس قىلىشتى، بىر مەھەل مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇش خەۋەرلەر ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى.

لاتارىيەچى دوستلارنىڭ ئويۇنغا بولغان ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشىگە ئەگىشىپ، توردا ئالقىشلاپ دو تىكىش ئۇسۇلى −« بەشنى تاللاش» ، دەن 4 چۈەن تو، بىلىپ-بىلمەيلا مودا بولۇشقا باشلىدى. 5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، «شادلىق 8» ئويۇنى 2021118 ـ قارارلىق مۇكاپات ئېچىلدى، سانجى شەھىرى 65230305 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خۇش خەۋىرى كەلدى، بىر لاتارىيەچى «بەشنى تاللاش» تىن ئىبارەت دەن 4 چۈەن تو مۇكاپات چىقتى، بەختكە يارىشا 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى لى ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى بىلەن ئۇچراشقاندىن بۇيان، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئادىتىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قارار قالدۇرماي سېتىۋېلىپ كەلگەن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خۇش خەۋىرىمۇ ئۈزۈلمىگەن. «شادلىق 8» ئويۇنى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، لى ئەپەندى «شادلىق 8 ئىزدىنىش سەپىرى» گە ئاتلاندى. 5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، لى ئەپەندى ئادەتتىكىگە ئوخشاش سانجى شەھىرىدىكى 65230305 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، «شادلىق 8» نىڭ يۆنىلىش خەرىتىسىنى تەپسىلىي كۆزەتكەندىن كېيىن، ئۇ 32، 39، 56، 62 نىڭ يېقىندا بىر قەدەر ئاز كۆرۈلگەنلىكىنى، يېقىنقى مەزگىلدە بۇ بىر نەچچە نۇمۇر چىقىپ قىلىشنى پەرەز قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ تۆت سوغۇق نومۇرنى «بەشنى تاللاش»   4 دەن چۈەن تو قىلىپ دو تىكتى. شۇ كۈنى كەچتە، «شادلىق 8» ئويۇنى مۇكاپات ئېچىلدى، لى ئەپەندى تاللىغان تۆت تال دەنمانىڭ ھەممىسى چىققان بۇلۇپ، 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

مۇكاپات ئالغاندا، لى ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: « مەن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقىلى تۆت بەش يىل بولدى، كىچىك مۇكاپاتتىنمۇ خېلى كۆپ مۇكاپات چىقتى، لېكىن بۇ قېتىم بىراقلا 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مۇكاپات چىقتى، ناھايىتى تاساددىپىيلىق بولدى، ناھايىتى خۇشال بولدۇم. "شادلىق 8" توردا ئالقىشقا ئېرىشكەن دو تىكىش ئۇسۇلى ھەقىقەتەن بەك سىرلىق ئىكەن، ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىكەن، مېنىڭ ئامىتىمنىڭ داۋاملىق داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»-دېدى.

(سانجى فېڭرۇي)

分享到: