新闻详情

يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى سۈن ئەپەندى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-06-21 18:29作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

5 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنى 2021121 ـ قارارلىق مۇكاپات نومۇرى «801» بولدى، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى سۈن ئەپەندى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى شاڭخەي گۈللۈك دۇكان 65310205 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا ئۈچ پارچە 3D لاتارىيە بېلىتىگە دو تىكىپ، جەمئىي 150 دو يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 156000 مىڭ يۈەن بولدى.

65310205 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ سېتىش خادىمى شياۋ جاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى سۈن ئەپەندى ئىنتايىن ھاياجانلانغان، بۇ ئۇنىڭ 3D ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتىنى سېتىۋالغاندىن بۇيان ئېرىشكەن ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات پۇلى ئىكەن. كۆپلىگەن لاتارىيە ئويۇنلىرى ئىچىدە سۈن ئەپەندىنىڭ كۆڭلىنى ھەممىدىن بەك تارتقىنى يەنىلا 3D ئۇيۇنى ئىدى، كۆپ يىل دو تىكىپ، كۆپ خىل دو تىكىش ئۇسۇلىنى سىناپ باققان، ھوسۇلمۇ ئاز بولمىغان، 3D غا بولغان ھېسسىياتىمۇ بارغانسېرى چوڭقۇرلاشقان.

3D بىلەن ھەپىلىشىشكە باشلىغاندا، سۈن ئەپەندى دائىم ئەتراپىدىكى لاتارىيەچىلەردىن تەجرىبە ئۆگىنىپ، باشقىلارنىڭ ماھارىتىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش تەسىراتىنى خۇلاسىلەش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش دو تىكىش ئۇسۇلىنى ئاستا-ئاستا شەكىللەندۈردى. 5-ئاينىڭ 11- كۈنى سۈن ئەپەندى «801» دېگەن بۇ نومۇرغا كۆزى چۈشۈپ، قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كېيىن، تاق تاللاپ ھەسسىلەپ تاشلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ 150 ھەسسە دو تىكىشنى قارار قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى:«مەن ئىش قىلغاندا پاكىز، چاققان بولۇشنى ياخشى كۆرىمەن، بىرىنچى قېتىم كۆرگەن نومۇر بىۋاسىتە بېكىتىمەن.»-دېدى.

5-ئاينىڭ 12- كۈنى، سۈن ئەپەندى قەشقەر پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ كاتتا مۇكاپات نەقلەشتۈردى، خىزمەتچى خادىم ئۇنىڭدىن بۇ مۇكاپات بىلەن نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، ئۇ خۇشال ھالدا: « بالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى كېلەي دەپ قالدى، ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ چىقىپ ئوبدان ئويناپ كېلىشنى ئويلاۋاتىمەن»-دېدى. ئاخىرىدا سۈن ئەپەندى مۇنداق دېدى: لاتارىيە سېتىۋېلىشتا چوقۇم روھىي ھالەتنى توغرىلاش كېرەك،چۇقۇم مۇكاپات چىقىدۇ دەپ ئويلىۋالماسلىق كېرەك، تىنچ روھىي ھالەتنى ساقلاش مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇچى.

(قەشقەر شاۋشا)


分享到: