新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى «شادلىق 8» ئۇيۇنىدا 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-06-22 14:30作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

يېقىندا، قەشقەردىكى لاتارىيەچىلەر ئارىسىدا خۇش خەۋەرلەر كەينى-كەينىدىن تارقالدى. مانا قاراڭ، قەشقەر شەھەرلىك 65310210 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن يەنە خۇش خەۋەر كەلدى، لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى «شادلىق 8» ئۇيۇنىدا مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 17260 يۈەن بولدى.

بۇ پونكىتنىڭ مال ساتقۇچىسى شياۋ جياڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: « شۇ كۈنى< شادلىق 8> مۇكاپات تارقىتىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، مەن جاڭ ئەپەندىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدىم، ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوخشايمەن، ياردەم قىلىپ تەكشۈرۈپ بەرگەن بولسىڭىز دېدى. مەن ئاڭلاپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم، دەرھال تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن مۇكاپاتقا چىققانلىقىنى بايقىدىم، ئەينى چاغدا مەن ئۆزۈم مۇكاپاتقا ئېرىشكەندەك ئىنتايىن خۇشال بولدۇم!»-دېدى.

6-ئاينىڭ 7-كۈنى، جاڭ ئەپەندى 65310210 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ يېڭىدىن بىر خىل « شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ مودا بولغانلىقىنى بىلگەن ئىدى،ئۇ سىناپ ئويناشنى قارار قىلدى. ئۇ قىزىقىش ھېسسىياتى بىلەن پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ، باشقا لاتارىيەچىلەرنىڭ «شادلىق 8» ئۇيۇنى خەرىتىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئۇ ساتقۇچىلاردىن «شادلىق 8» نىڭ كونكرېت ئويناش ئۇسۇلىنى سوراپ، ناھايىتى تېزلا«شادلىق 8» گە قىزىقىپ قالدى. بىر قۇر تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، جاڭ ئەپەندى مال ساتقۇچىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، كەسكىن ھالدا «دەن 4 چۈەن تو» قوللىنىپ، بەشنى تاللاش ئۇسۇلى بويىچە دو تىكتى. ئۇ شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلدى، ئويلىمىغان يەردىن جاڭ ئەپەندىنىڭ نومۇرىنىڭ دەنما تۇلۇق چىققان بۇلۇپ، بىر قېتىمدىلا 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

جاڭ ئەپەندى مۇكاپاتنى نەخلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:« "شادلىق 8" دېگەندەك مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىدى، ئويلىمىغان يەردىن تۇنجى قېتىم ئويناپلا 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، مال ساتقۇچىغىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن، ماڭا   دەن 4 چۈەن تو" تەك مۇشۇنداق ئەمەلىي دو تىكىش ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلغىنىغا رەھمەت!»-دېدى.

(قەشقەر شاۋشا)

1.png

分享到: