新闻详情

«مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن»

发表时间:2021-06-22 15:55作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

ئالتاي ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسى، ئالتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى بىرلىشىپ « جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى


ئالتاي ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 5 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن 27 ـ كۈنىگىچە ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسى، ئالتاي ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىي پائالىيىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئامما پاراۋانلىقى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئاساسىي ۋەزىپە + ئۆزى تاللاش ئالاھىدىلىكى» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى .

5- ئاينىڭ 26- كۈنى ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق مەركىزىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بولۇپ 20 دىن ئارتۇق كىشى تارلاڭ كەنتىگە بېرىپ، « مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ۋە « مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى چۈجە تارقىتىش مۇراسىمىنى قانات يايدۇردى، كادىرلار كەنتتىكى 25 ئائىلىلىك توخۇ بېقىش ئارزۇسى بار كەنت ئاھالىسىگە جەمئىي 700 دانە ئەلا سۈپەتلىك« مېھىر-شەپقەت چۈجىسى» تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى تىرىشىپ بېيىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. كەنت ئاھالىسى ۋەكىلى جارخېڭ مۇنداق دېدى:«پارتىيەگە رەھمەت، ھۆكۈمەتكە رەھمەت، بىزگە شۇنچە كۆپ ھەقسىز ئەلا سۈپەتلىك چۈجە ئېلىپ كەلدى، خەلق ئىشلىرى، پاراۋانلىق لاتارىيە كادىرلىرىنىڭ بىزگە بەرگەن ياردىمىگە رەھمەت!»-دېدى.

كېيىنكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە، ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئېيتىپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەدھىيەلەپ، پارتىيە تارىخى بىلىملىرىدىن سوئال ـ جاۋاب بېرىشنى قانات يايدۇردى، كەنت ئاھالىلىرى ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى ھەم سوئاللارغا جاۋاب بەردى، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئارىلىقىنى يەنىمۇ يېقىنلاشتۇردى.

(ئالتاي ۋېيجيا ماگنىي)

3.png

(چۈجە تارقىتىش مۇراسىمى)

4.png

(كەنت ئاھالىلىرى چۈجىلەرنى ئالغاندىن كېيىن ناھايىتى خۇشال بولدى)

5.png

(بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە كۆپچىلىك بىرلىكتە قىزىل ناخشا ئېيتتى)


分享到: