新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى 100000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-06-24 12:15作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

6ـ ئايدىكى قۇياش ئىللىق نۇر چېچىپ، پۈتۈن جاھاننى ئوتتەك قىززىتىۋەتتى. پىژغىرىم ئىسسىقتا پاراۋانلىق لاتارىيە بازىرى تېخىمۇ قىززىدى، ھەر خىل ئويناش ئۇسۇللىرى لاتارىيەچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. دەرھاللا مۇكاپا ئېچىلىدىغان «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» زور كۈچ سەرپ قىلىپ، كاتتا مۇكاپات شەكلىدە كەڭ لاتارىيەچىلەرگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. 6 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، «بەش كالا رەسىمى» دىكى 100 مىڭ يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات تۇرپان گاۋچاڭ رايونىدا چىقتى، ۋە لاتارىيەچى دوستلارنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى ما ئەپەندى بىر خىزمەتچى بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقانلىقىغا ئۇزۇن يىل بولغان بۇلۇپ، دەرھاللا مۇكاپات ئېچىلىدىغان «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇيۇنى بۇلۇپ، ۋاقتى بولسىلا چوقۇم پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ، بىر نەچچە پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلىيىنى سىناپ باقاتتى. ما ئەپەندى مۇنداق دېدى:« قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» نىڭ تۈرى كۆپ، ئويۇن ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، چۈشىنىشلىك، يەنە مۇكاپاتنى دەرھاللا نەقلەشتۈرگىلى بۇلىدۇ، ماڭا ئوخشاش ئادەتتە خىزمىتى بىر قەدەر ئالدىراش كىشىلەرنىڭ ئوينىشىغا ئەڭ ماس كېلىدۇ.»-دېدى.

6 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ما ئەپەندى سودا ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، غەربىي يۇرت لىدۇ ئولتۇراق رايونى دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى 65215001 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، ئۇ لاتارىيەچىلەرنىڭ قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەنلىكىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ سىناپ بېقىشنى قارار قىلدى. ما ئەپەندى ئالدى بىلەن ئون يۈەنلىك «ئون ھەسسە ئامەت» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلىي كېلىپ 30 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇ شۇ كۈنى تەلىيىنىڭ ئوڭدىن كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن يەنە تەلەينى سىناپ بېقىشنى قارار قىلدى، لېكىن «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى تۈرى بەك كۆپ بولغاچقا، قايسىنى تاللاشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەي، ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمىگەندە، كۆز ئالدىدىكى «بەش كالا سۈرىتى» لاتارىيە بېلىتى ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

«ئالدىدا بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى قىرىپلا، 20 يۈەن مۇكاپات چىقتى، قولۇمدا پەقەت بىر پارچىلا قالدى، بۈگۈن تەلىيىم ئانچە ياخشى ئەمەس، بۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچىسىنى قىرىپ بولغاندىن كېيىن ئەمدى قىرمايمەن» ــ دېدى ما ئەپەندى غۇدۇراپ. ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچىسىنى قىرۋەتكەندىن كىيىن، « يىلان بېشى» نىڭ ئاستىغا ماس كېلىدىغان مۇكاپات پۇلى بىردىنلا ئۇنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇردى، ھاياجانلانغانلىقىدىن ئورۇندۇقتىن يەرگە يىقىلىپ چۈشتى، ياخشى ساناپ چىققاندىن كىيىن، 1 نىڭ كەينىدە 5 دانە 0 بارلىقىنى بايقىدى، توپتوغرا 100 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكىنى بىلدى، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىققان ئىدى.

ما ئەپەندى مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە خۇشال بولغان ھالدا مۇنداق دەيدۇ:«<بەش كالا رەسىمى> دېگەن بۇ لاتارىيە بېلىتىنىڭ لايىھىلىنىشى ئاددىي، چۈشىنىشلىك بولۇپ، لاتارىيە بېلىتىنى قىرغاندا خۇشاللىق ئۈزۈلمەيدۇ، مۇكاپاتلارمۇ كۆپلەپ چىقىدۇ، مۇكاپاتلارنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.»-دېدى.

(تۇرپان يۈ جىڭجوۋ)

1.png

分享到: