新闻详情

«پارتىيە بايرىقى تەڭرىتاغدا جەۋلان قىلىدۇ» باش تېمىسىدىكى پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلدى

发表时间:2021-06-24 16:34作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە » پارتىيە بايرىقى تەڭرىتاغدا جەۋلان قىلىدۇ» باش تېمىسىدىكى پارتىيە كۈنى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى


يېقىندا، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى، سانجى ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى خۇلاسىلەشكە يەنىمۇ يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشتە غايە ـ ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە مول، رەڭدار پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

2.png

6ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيە ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە سانجى تاراتقۇ سارىيىغا كېلىپ، «پارتىيە بايرىقى تەڭرىتاغدا جەۋلان قىلىدۇ» باش تېمىسىدىكى پارتىيە كۈنى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

پائالىيەتتە ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى مىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئالدى بىلەن « شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا سوئال-جاۋاب» نى ئورتاق ئۆگەندى، « سىياسىي قۇرۇلۇش پارتىيەنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى دېگەننى قانداق چۈشىنىش» ، « نېمە ئۈچۈن غايە-ئېتىقاد كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى "كالتسىيسى" دېيىلىدۇ»، ئۆگىنىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سانجىنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەيدانىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە بايرىقى ئالدىدا پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى، پارتىيە بايرىقى، پارتىيە گېربى، پارتىيە نىزامنامىسى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى مىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، ئالاھىدە بىر مەزگىل، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىغا پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر ۋاقىت ئۈلگە بولۇپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

3.png

بىر قىزىل ناخشا بىر بۆلەك تارىخنى، جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىش كۈرەش داستانى ۋە ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى ئېيتىپ بەردى. بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار سانجى ئوبلاستلىق گۈزەل سەنئەت سارىيى ۋە سانجى رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 800 كىۋادرات مېتىرلىق نومۇر ئېلىش زالىغا كېلىپ، قىزىل كۆرگەزمە ۋە قىزىل ناخشىلارنى رېپېتىتسىيە قىلىشنى بىرلىكتە كۆردى ھەم قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىش پائالىيىتىگە پائال ئاتلاندى، كۆپچىلىكنىڭ جاسارىتى ئۇرغۇپ، ناخشىسى جاراڭلىق بولۇپ، بۇ قېتىمقى باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.

ئوبلاستلىق مەدەنىيەت سارىيىدا، سانجى ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى مىڭ كۆپچىلىكنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل ـ پاراسىتىنى ھېس قىلدۇردى، كۆپچىلىك نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ۋە ئەقىل ـ پاراسىتىنىڭ جەۋھىرىنى ھېس قىلدى. شۇجى لى مىڭ ئوبلاستلىق مەدەنىيەت سارىيىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىدە « مىكرو ئارزۇ» نى تونۇپ يەتتى ھەم قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا 30 خالتا گۈرۈچ، 30 خالتا ئۇن ۋە 30 تۇڭ ماي يەتكۈزۈپ بەردى.

4.png

بىر پارتىيە ئەزاسى ۋەكىلى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«تارىخنى ئۆگىنىش كەلگۈسىگە تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شانلىق تارىخىنى ئەسلەپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ قەتئىي ئېتىقادى ۋە ساپ ھېسسىياتىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن، تەسىرلىنىش، ھاياجانلىنىش بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ بولغىنى چوڭقۇر ئىلھام بولدى. يېڭى دەۋردىكى ياش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك! مەيلى ئىلگىرى، ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، پارتىيەنى بىلىش، پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ مەڭگۈلۈك بۇرچى، بىز پارتىيەگە كىرىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، كوممۇنىستلارنىڭ بۇرچىنى ئاڭلىق چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز، يېڭى نەتىجە يارىتىشىمىز كېرەك!»-دېدى.

بۇ قېتىمقى «پارتىيە بايرىقى تەڭرىتاغدا جەۋلان قىلىدۇ» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى سانجى ئوبلاستلىق كۇتۇپخانىنىڭ 3- قەۋىتىدە، قىزىل كىلاسسىك ماۋ زېدۇڭ شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش، كوللېكتىپ ھالدا قىزىل كىلاسسىك سىن فىلىمى «جاۋ يىمەننىڭ 12 كىتابى» نى كۆرۈش بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

5.png

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىش ئارقىلىق، كۆپچىلىك بەس ـ بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: جاۋ يىمەننىڭ كىچىك ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىپ، كۆپچىلىك ئۈچۈن غايە ـ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، ھەققانىيەت يولىدا جان پىدا قىلىش روھى كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ. پارتىيە تارىخىنى ئەسلەپ، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار شەجەرىسى، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ غايە، ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشىدىكى تەسىرلىك تارىخىي داستان، بۇ ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەر، بىز ياشلارغا ئادالەتنى ياقلاش دېگەن نېمە؟ بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش دېگەن نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىدۇ، ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئىنقىلابىي ئەجدادلارنى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيەۋىلىكنى ئۈزلۈكسىز چېنىقتۇرۇپ، غايە، ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىغا قويۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار، باش قاتۇرىدىغان ئىشلار، ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلار، كۆڭۈل ئاغرىتىدىغان ئىشلارنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاممىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى باشتىن-ئاخىر ئۇنتۇماسلىق پارتىيىنىڭ تۈپ مەقسىتى، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان روھىي ھالەت بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ، يېڭى دەۋردىكى پاراۋانلىق ئىشلىرى ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ تۆھپىمىزنىڭ قۇشىشىمىز كېرەك.

(سانجى فېڭرۇي)

6.png

分享到: