新闻详情

شىنجاڭدىكى لاتارىيەچىلەر«شادلىق 8»ئۇيۇنىدا كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى

发表时间:2021-06-25 13:59作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بىز شىنجاڭلىق لاتارىيەچىلەر «شادلىق 8» ئويۇنىنى ھەقىقەتەن قالتىس ئوينىدۇق! باشقىلار قايىل بولمىسا بولمايدۇ! ئەسلىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەر ئەقىل ـ پاراسەتكە تولغان بولۇپ، «شادلىق 8» ناملىق ئويۇن شىنجاڭنىڭ لاتارىيە بازىرىدا سېتىلىشى بىلەنلا تېزدىن «مودا» بولۇپ، مۇكاپات تارقىتىش، سېتىش سانلىق مەلۇماتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى! ھازىر «شادلىق 8» ئويۇنى 280 مىليون يۈەنلىك چوڭ ئېقىم مۇكاپاتى پائالىيىتى يەنە باشلاندى، شىنجاڭدىكى لاتارىيەچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تېخىمۇ يولۋاسقا قانات قوشقاندەك ئىش بولدى، ئۇدا ئەلا نەتىجىلەر پەيدا پەيدا بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، 6 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى «شادلىق 8» ئويۇنى 280 مىليون يۈەنلىك چوڭ ئېقىم مۇكاپاتى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭ لاتارىيەچىلىرى ئادەتتىن تاشقىرى ئامەت ۋە ئەقىل ـ پاراسەتكە تايىنىپ كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، 6 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنىگىچە جەمئىي 1 مىليارد 289 مىليون 250 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، يەككە ماشىنىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئۇدا ئالتە كۈن ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. مۇكاپات چىقىش جەھەتتە، جەمئىي 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى مۇكاپات 111 دو چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە «توردا ئالقىشلانغان دو تىكىش ئۇسۇلى» − بەشنى تاللاش ئۇسۇلى «دەن 4 چۈەن تو» يەنىلا ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى بولۇپ، جەمئىي 83 دو مۇكاپات چىققان، مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى مەزگىلىدە مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 22060 يۈەنگە يېتىپ، لاتارىيەچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلگەن. 6 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، قەشقەر شەھەرلىك 65312302 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا، لاتارىيەچىلەر يەككە شەكىلدە دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىر دو «توققۇزدىن توققۇزنى تاللاش» قا ئېرىشتى، مۇكاپات قۇشۇش پائالىيىتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، مۇكاپات سوممىسى توپتوغرا بىر قاتلىنىپ، 600 مىڭ يۈەنگە يەتتى! ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ!

«شادلىق 8» ئويۇنى 280 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات ھازىر قىزغىن ئېلىپ بېرىلماقتا، «ئوندىن ئوننى تاللاش» 10 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتتىن ئۈچ دو (گۇاڭدۇڭ 2 دو، جېجياڭ 1 دو) مۇكاپات چىقتى، بىزنىڭ شىنجاڭدىكى لاتارىيەچىلەرمۇ مۇ ھەۋەس قىلماي ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ھەرىكەتكە كېلىپ، مىليونلىغان چوڭ مۇكاپاتقا جەڭ ئېلان قىلايلى!

分享到: