新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى 3D ئۇيۇنىدا 1040000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-06-25 19:11作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى «3D» ئىزچىل قەشقەر لاتارىيەچىلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى، ئۇ ئاددىي ھەم قىزىقارلىق بولۇپ، نۇرغۇن لاتارىيە ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. لاتارىيەچى فەن ئەپەندى بولسا بىر «3D» تېخنىكا تىپىدىكى لاتارىيەچى بۇلۇپ، ئۇ 3D ئويۇنى 2021139 سانىدا، كۆپ قارارلىق مۇكاپات نومۇرىنى ئەپچىللىك بىلەن تەھلىل قىلىپ، قىممىتى 8 نى تاللاپ، نومۇر تۈرىنى گۇرۇپپا بويىچە 3 كە بۈلۈپ، دەنما 0، ئۈچ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچنىڭ ئۇنىۋېرسال نەتىجىسىنى چىقارغاندىن كىيىن، نومۇر« 800» گە 1000 ھەسسىلىك يەككە تاللاپ دو تىكتى، تەلەيلىك ھالدا 1040000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

فەن ئەپەندى قەشقەر پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات ئالغاندىن كېيىن، خۇشاللىق بىلەن كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش تەسىراتىنى تونۇشتۇردى. فەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ 2005-يىلىدىن باشلاپ 3D ئويۇنىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى، تاق تاللاش، گۇرۇپپىلاپ تاللاش، ۋە قىممىتى قاتارلىق بىر قاتار 3D دو تىكىش ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تەتقىق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. بوش ۋاقىتلاردا، فەن ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ «3D» نومۇر يۈزلىنىشىنى تەتقىق قىلىشنى ئەڭ ياخشى كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ، لاتارىيە بېلىتى ساتقۇچى بىلەن نومۇرنى مۇھاكىمە قىلىش ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقى ھېسابلىنىدۇ. دو تىكىش جەريانىدا، فەن ئەپەندى دائىم پىكىر يولىنى ئۆزگەرتىپ، كۆپ خىل دو تىكىش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىپ، دائىم كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشىدۇ.

5 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى كەچقۇرۇن، فەن ئەپەندى قەشقەر شەھىرىدىكى 65310186 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، بىر سائەتكە يېقىن تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تۈرلۈك نومۇر تاللاش كۆرسەتكۈچلىرىنى ياخشى كۆرۈپ، سەككىز قىممىتى، نۆل قىممىتى، گۇرۇپپا شەكلىدىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسنى بېكىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا نومۇر «800» نى بېكىتتى ھەم مەردانىلىك بىلەن 1000 ھەسسە بويىچە تاللاپ دو تىكتى. شۇ قارارلىق مۇكاپات باشلانغاندىن كېيىن، تەلەيلىك فەن ئەپەندى دەرىجىدىن تاشقىرى مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات نومۇرى دەل «800» بولۇپ، ئۇ بىراقلا 1040000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مۇكاپات ئالغاندىن كېيىن فەن ئەپەندى مۇنداق دېدى: « ئەمەلىيەتتە مەن 3D دا كۆپ قېتىم چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، بۇنىڭ سىرى تەلەي + ماھارەت + ئىشەنچ، لېكىن ئەقىل-ئىدراكمۇ ئىنتايىن مۇھىم، مەن ئادەتتە ھەسسىلەپ دو تىكمەيمەن، لېكىن ئالاھىدە ياخشى بولغاندا چوقۇم ئۆزۈمگە ئىشىنىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەلەينى قولدىن بېرىپ قويمايمەن!»-دېدى.

8.png

分享到: