新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى «شادلىق 8» ئۇيۇنىدا 217280 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-06-28 12:33作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

لاتارىيە سېتىۋېلىش تىلغا ئېلىنغاندا، لاتارىيەچىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس لاتارىيە سېتىۋېلىش ئادىتى بار بولۇپ، بەزىلىرى كومپيۇتېردا لاتارىيە بېلىتى تاللاشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ بەزىلىرى ئۆزى تاللاشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ يەنە بەزى لاتارىيەچىلەر ئۇزاق مۇددەت نۇمۇر ساقلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇلۇتنى ساقلاپ تۇرغاندا ئاينى كۆرگىلى بۇلىدۇ، كىچىك ئۈمىدلەرنى ساقلىغاندىلا كاتتا خۇشاللىقلارغا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ.

2021ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئويۇنى 2021153 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلدى، سانجى شەھىرى نەنگۇڭيۈەن يولى شاڭخەي گۈللۈكى ئەتراپىدىكى 65230158 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن كاتتا مۇكاپات چىققانلىقىدەك خۇش خەۋەر تارقالدى، مال ساتقۇچى جاۋ خانىم ھاياجانلانغان ھالدا لاتارىيەچىلەر توپى ۋە دوستلار چەمبىرىكىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خۇش خەۋىرىنى تارقاتتى.

شۇ كۈنى كەچتە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى 65230158 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ سېتىش خادىمى جاۋ خانىمنىڭ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى، « سىزگە بىر خۇش خەۋەر ئېيتاي، سىز چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتىڭىز!»-جاۋ خانىم ھاياجىنىنى باسالماي، ھاياجانلانغان ھالدا جاڭ ئەپەندىگە مۇكاپات چىققان خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى. تېلېفوننى ئالغان جاڭ ئەپەندى بۇنى ئاڭلاپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىپ، بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي: « راستمۇ؟ قانچىلىك مۇكاپات چىقىپتۇ؟» ، « 210مىڭ يۈەندىن كۆپرەك! » دەپ جاۋاب بەردى جاۋ خانىم. بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، جاڭ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا ۋارقىراپ تۇرۇپ: « بەك ياخشى بولدى! بەك ياخشى بولدى! مەن تېزدىن مۇكاپات ئالغىلى باراي!»-دېدى. جاڭ ئەپەندى تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن كۆڭلىدىكى ھاياجىنىنى بېسىپ، ناھايىتى كەچ بولغاندا ئاندىن ئۇخلىيالىدى.

15- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، جاڭ ئەپەندى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە پەيدا بولدى. مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، جاڭ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: « بۇ بىر گۇرۇپپا نومۇرنى ساقلاپ كىلىۋاتقانقىنىمغا ئون نەچچە قارار بولدى، چۇقۇم مۇكاپات چىقىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. دو تىكىش نومۇرى ئالدىنقى 30 قاراردىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تارىخىي نومۇرغا ئاساسەن تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، ئالتە نومۇرنى بىر قەدەر ياخشى كۆرۈپ، چۇقۇم بىرەر قاراردا مۇكاپات چىقىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ئالتە نومۇرنى دەنما قىلىپ، بىر دو يەتتىنى تاللاش دەن تو بويىچە دو تىكتىم، ئاندىن يەنە ئالتە نومۇرنى تاللاپ يەككە شەكىلدە 20 ھەسسە دو تىكتىم. ئويلىمىغان يەردىن دو تىككەن بۇ ئىككى لاتارىيە بېلىتىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 157280 ۋە 60000 يۈەن مۇكاپات چىقتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 217280 يۈەن بولدى.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، جاڭ ئەپەندى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: « بۇ قېتىمقىى كاتتا مۇكاپات نومۇر ساقلاش بىلەن بولغان تۆھپە، بولمىسا بىر قېتىملىق چوڭ مۇكاپاتنى قولدىن بېرىپ قويغان بۇلاتتىم، ئۆزۈمنىڭ ئىزچىل چىڭ تۇرغىنىمغا رەھمەت، ماڭا ئاخىرى كاتتا مۇكاپاتقا چىقتى !»-دېدى.

1.png

分享到: