新闻详情

ئامەتلىك ليۇ خانىم«شادلىق 8»ئۇيۇنىدا 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-06-28 16:45作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئويۇنى شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، خۇش خەۋەرلەر، خۇشاللىقلار ئۈزۈلمىدى، چوڭ مۇكاپات كىچىك مۇكاپاتلار ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. 6- ئاينىڭ 7- كۈنى، قومۇل شەھىرى 65225006 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى، بۇ پونكىتتىكى لاتارىيەچى ليۇ خانىم «بەشنى تاللاش» ئويناش ئۇسۇلىغا قارىتا «دەن 4 چۈەن تو» نى قوللىنىپ دوتىكتى، دەن 4 تۇلۇق چىقتى، 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

شۇ كۈنى، ليۇ خانىم 65225006 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەڭ قىزىقىدىغان «شادلىق 8» ئويۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى. دۇكانغا كىرىپ، ليۇ خانىم «شادلىق 8» ئويۇنى نومۇرىنىڭ يۆلىنىش خەرىتىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن نومۇرغا قاراپ، بىر تەرەپتىن قەغەزگە خاتىرە قالدۇردى. ليۇ خانىم كۆڭلىدە: بۇ قېتىم مەن ئىسسىق-سوغۇق نومۇرىنى ماسلاشتۇرماقچى، ئالدىنقى بىر نەچچە قاراردىكى نومۇرلاردىن قارىغاندا، 03، 08، 53، 54 بۇ تۆت نومۇر ناھايىتى ياخشى ئىكەن، ئۇ ئويلانغاندىن كېيىن، بېشىنى كۆتۈرۈپ تامدىكى ۋاقىتنىڭ سائەت 20 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتى، ئۆزىنىڭ بۇنداق بېرىلىپ، شۇنچە ئۇزۇن تەتقىق قىلغانلىقىنى ئويلاپ، دەرھال بۇ تۆت دەنما ئارقىلىق « بەشنى تاللاش» ئۇسۇلى بىلەن «دەن 4 چۈەن تو» قا دو تىكتى.

شۇ كۈنى كەچتە، ليۇ خانىم ھاياجانلانغان ھالدا «شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ شۇ قارارلىق پۈتۈن مۇكاپات تارقىتىش جەريانىنى كۆرۈپ چىقتى، ئۆزى تاللىغان تۆت تال دەنمانىڭ بىر-بىرلەپ چىقىرىلىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئۆزىگە 17260 يۈەن چىققانلىقىنى بىلدى.

ئەتىسى ليۇ خانىم مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: « بۇ قېتىم "شادلىق" ئويۇنىدا مول مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، ئۆزۈمنى ناھايىتى تەلەيلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم! ئەلۋەتتە، بۇ مەن كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىپ نومۇر تاللاش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، بۇ ئويۇن ناھايىتى قىزىقارلىق، تەتقىق قىلىپ ئىزدەنسىلا، چەكسىز خۇشاللىققا چۆمگىلى بۇلىدۇ!»-دېدى.

2.png3.png

分享到: