新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى جاڭ خانىم «شادلىق 8» ئۇيۇنىدا 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-06-29 17:50作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

كونىلاردا: «كاللا ئىشلىتىش تەلەي كەلگەنگە يەتمەيدۇ» دېگەن گەپ بار. بۇ جۈملە سۆز بىلەن لاتارىيە بېلىتى سۈپەتلەشكە بۇلىدۇ، قەشقەر قاغىلىق ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى جاڭ خانىم دەل تەلىيى ئوڭدىن كەلگەن كىشى. جاڭ خانىم لاتارىيەگە يېڭىدىن كىرىشكەن بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەزەلدىن لاتارىيە بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان، بۇ قېتىم تەلىيى كېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇنىڭ سەۋەبى يەنىلا ئۆزىنىڭ يېقىن دوستى سەۋەبلىك بولدى.

5 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، جاڭ خانىم دوستى بىلەن بازار ئايلىنىۋاتقاندا، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ 65310278 پاراۋانلىق لاتارىيە بېكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئىككىيلەن كىرىپ تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولدى. جاڭ خانىمنىڭ دوستى ئۆزى ئادەتتە ئېلىپ كېلىۋاتقان لاتارىيە بېلىتىنى چىقىرىپ ساتقۇچىغا سۇنۇپ: « خاپا بولماي مۇشۇ بويىچە ئوخشاش بېلەتتىن بىرنى ئېلىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن»-دېدى. جاڭ خانىم بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دوستلىرى بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ:«ھەر قېتىم سىزنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغىنىڭىزنى كۆرۈپ كىلىۋاتىمەن، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتىڭىزمۇ؟»-دەپ سورىغاندا، دوستى كۈلۈپ تۇرۇپ: « بەلكىم بۈگۈن كەچتىلا كېلىپ قېلىشىم مۇمكىن، سىزمۇ بىر نەچچە دو سېتۋىلىپ سىناپ بېقىڭ، ناۋادا مۇكاپات چىقىسا بىرگە بېرىپ مۇكاپات نەخلەشتۈرىمىز!»-دېدى، جاڭ خانىم كۈلۈپ تۇرۇپ: « مېنىڭ ئۇنداق تەلىيىم يوق، مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىمەن!»-دېدى. دوستى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:«سىناپ باقماي تۇرۇپ تەلىيىڭىزنىڭ ياخشى ياكى ئەمەسلىكىنى قانداق بىلىسىز؟ تېز سىناپ بېقىڭ، كچىىكرەك مۇكاپات چىقسىمۇ ھېساپ!»-دېدى. جاڭ خانىم ئازراق ھاياجانلىنىپ، ئىككى يۈەن پۇل چىقىرىپ ساتقۇچىغا بېرىپ:«ئۇنداق بولسا ماڭىمۇ بىر دو لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ بېرىڭ، خالىغان بىر دو تاللاپ بەرسىڭىزلا بولدى»-دېدى. مال ساتقۇچى پۇلنى ئالغاندىن كېيىن، جاڭ خانىمغا «شادلىق 8» دىن بىرنى تاللاپ بەردى.

شۇ كۈنى كەچ سائەت 10دىن ئاشقاندا، جاڭ خانىم دوستلىرى بىلەن يەنە بىر قېتىم 65310278 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، دوستى ئالدى بىلەن لاتارىيە بېلىتى چىقىرىپ ساتقۇچىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ باقماقچى بولدى، ئەپسۇس مۇكاپاتقا چىقمىغان ئىدى، جاڭ خانىممۇ لاتارىيە بېلىتىنى چىقىرىپ كۈلۈپ تۇرۇپ: « بۇنىمۇ تەكشۈرۈپ بېقىڭ!»-دېدى، مال ساتقۇچى لاتارىيە بېلىتىنى ماشىنىسىغا سېلىپ سېلىشتۇرۇپ«10 مىڭ يۈەن مۇكاپات»چىققانلىقىنى بايقىدى! مال ساتقۇچى ھەيران بولۇپ:«چىقىپتۇ! چىقىپتۇ! 10000 يۈەن!»، جاڭ خانىم مال ساتقۇچى خادىم ماڭا چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش قەغىزىنى نەچچە قېتىم كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ئىشىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، خۇرسىنغان ھالدا:« توۋا! ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ، ئىككى يۈەنگە ئون مىڭ يۈەن چىقتى، مەن ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن!»-دېدى.

تۇرمۇشتا بەزىلەر ھەمىشە باشقىلارنىڭ تەلەيلىك ئىكەنلىكىگە ھەۋەس قىلىدۇ، ئەمما كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئامەتنىڭ سىزگە تۇيۇقسىز كىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باققانمۇ؟ بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن، بېرىپ سىناپ باققاندىن كېيىن ئاندىن بىلدىم!

1.png

分享到: