新闻详情

شىخەنزىدە قوش رەڭلىك توپ ئون مىليون يۈەنلىك چوڭ مۇكاپات چىقتى

发表时间:2021-06-30 12:00作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

«شىخەنزىدە قوش رەڭلىك توپ ئون مىليون يۈەنلىك چوڭ مۇكاپات چىقتى!» 5 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى كەچتە، بۇ ئاددىي بىر جۈملە سۆز كۆزنى يۇمۇپ ـ ئاچقۇچە شىخەنزىدىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى قاپلاپ، كۆپچىلىكنىڭ قايناق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى.

2.png

5 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىخەنزە شەھىرىدىكى 65030067 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا تونۇش بىر نەچچە لاتارىيەچى پاراڭلىشىۋاتاتتى، لاتارىيەچى سۈن ئەپەندى ئادەتتىكىگە ئوخشاش دۇكانغا كىرىپ، قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالماقچى بولدى. سۈن ئەپەندى لاتارىيە ئويناۋاتقىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقان يېڭى لاتارىيەچى ئىدى، ئۇ ئالدى بىلەن ئورنىدا بىردەم ئولتۇرۇپ، نومۇرنىڭ يۆزلىنىش خەرىتىسىگە قارىدى، ئاندىن قەغەزگە بىرنەچچە نومۇرنى يازدى، ئاندىن يېنىدىكى بىرنەچچە لاتارىيەچى بىلەن بىرنەچچە ئېغىز پاراڭلاشتى، ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ بۇ گۇرۇپپىدىكى سانلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى. بېشى قېتىپ تۇرغاندا، مال ساتقۇچى شياۋ ياڭ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ كۈلۈپ تۇرۇپ: ـــ«لاۋسۈن، يەنە قايسى نۇمۇرنى سېتىۋېلىشنى بىلەلمەي قالدىڭىزمۇ؟ بولمىسا ئاپتوماتىك تاللاپ سىناپ باقامسىز؟ » دېدى، سۈن ئەپەندى قوشۇمىسىنى تۈرۈپ: « بولىدۇ! ئاپتوماتىك تاللاپ سىناپ باقاي! ماڭا « 8 + 3» دىن بىرنى تاللاپ بېرىڭ! »-دېدى، شۇنىڭ بىلەن شياۋياڭ ئۇنىڭغا ماشىنا ئارقىلىق بىلەن 02، 09، 11، 31، 81، 91، 32، 82 + 03، 21، 41 دىن ئىبارەت 1 دو« 8 + 3» قايتىلانما نومۇرنى تاللاپ بەردى.

شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلغاندىن كېيىن، سۈن ئەپەندى بىر تەرەپتىن مۇكاپات نومۇرىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي، يەنە بىر تەرەپتىن قەلەم بىلەن لاتارىيەدىكى بەلگىلەرنى سىزىپ چىقتى، ئۇ بەشىنچى سانغا كەلگەندە دەرھال قەلەمنى توختاتتى، ئاندىن دەرھال قايتىدىن سېلىشتۇرۇپ چىقتى. ـــ «ھەممىسى تولۇق، ھەممىسى تولۇق چىقتى! بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات!»-سۈن ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا سەكرەپ كەتتى، ئۇ بىر دو بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئىككى دو ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە بىر قانچە باشقا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن بۇلۇپ، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 10574717 يۈەن بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات ئالغاندا، سۈن ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:«مەن ھازىرغىچە تەلىيىمنىڭ بۇنداق ياخشى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن! مەن لاتارىيە ئويناپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئويلىمىغان يەردىن ئون مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم!»-دېدى.

3.png

分享到: