新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى شياۋۋېي «3D» ئۇيۇنىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-06-30 18:34作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

كىشىلىك ھاياتتا ھامان بەزى ئوي-خىياللار بولىدۇ، ئارزۇ-ئۈمىدلەر بولىدۇ، بەخت-سائادەت كېلىدۇ؛ ئارزۇ-ئىستەكلەر تۇغۇلىدۇ، پۇرسەت تۇغۇلىدۇ. 2021 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، سانجى شەھىرىدىكى شياۋ ۋېي ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى.

شياۋۋېي كۆپ ساندىكى كىشىلەر بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇ ھامان بىر كۈنى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كىلىۋاتقان ئىدى، شۇڭا ئىزچىل تۈردە « قوش رەڭلىك توپ» غا دو تىكىپ كەلگەنىدى.   شياۋ ۋېي مۇنداق دېدى: « ئۈمىد بولسىلا بولدى، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشتا مۇھىمى چىڭ تۇرۇش، بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە كاتتا مۇكاپات چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.» 6 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، شياۋ ۋېي ۋۇجياچۈ شەھىرىدىكى 65452327 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، «قوش رەڭلىك توپ» غا دو تىكىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ كېتىشكە ئالدىرىمىدى، بەلكى باشقا لاتارىيەچىلەر بىلەن پاراڭلاشتى. شياۋۋېي يېقىندا كۈندە مۇكاپات ئېچىلىدىغان 3D ئويۇنىنى ياقتۇرۇپ قالدى، يەنە بىرلىكتە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان لى ئاكاممۇ 3D ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇلۇپ لى ئاكىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش قېتىم سانى كۆپ، ئۇ لى ئاكىدىن نومۇر تاللاش ماھارىتىنى ئۆگەندى. بىر قۇر مەسلىھەت سورىغاندىن كېيىن، شياۋۋېي سىناپ بېقىش مەقسىتىدە لى ئاكىغا ئەگىشىپ دو تىكتى، ئۇلار 3D ئويۇنىدىكى 2021151- قاراردا ھەر قايسىسى « 161» نى 10 ھەسسە دو تىكتى، يەنە ئىككى قېتىم يەككە دو تىكىش شەكلىدىكى گۇرۇپپىلاپ ئۈچنى تاللاشقا دو تىكتى، دو تىكىپ بولغاندىن كېيىن، شياۋۋېي پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئايرىلدى.

شياۋۋېينى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، ئۇ يەنە بىر قېتىم پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلگەندە، مال ساتقۇچى ھاياجانلانغان ھالدا ئۇنىڭغا: « 3D ئۇيۇنىدا مۇكاپاتقا ئېرىشتىڭىز!»-دېدى، شياۋۋېي ئۆزىگە پەقەت ئۈچ گۇرۇپپا، يەنى 346 يۈەن مۇكاپات چىقتى دەپ ئويلاپ، يەنىلا ناھايىتى تەمكىن بولدى، ئۇ لى ئاكا ۋە ئۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ 10 دو يەككە تاللاش ۋە بىر دو گۇرۇپپلاپ ئۈچنى تاللاش چىققانلىقىنى، مۇكاپات پۇلىنىڭ 10746 يۈەن ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، شياۋۋېي ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالدى. شياۋ ۋېي بۇنداق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى، ئەمما ئۇ ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مال ساتقۇچىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:«پاراۋانلىق لاتارىيەسىگە رەھمەت ئېيتىمەن، شۇنداقلا لى ئاكامنىڭ تەجرىبىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولغىنىمغا رەھمەت ئېيتىمەن، بەخت بەك تۇيۇقسىز كەلدى.»-دېدى.

1.png

分享到: