新闻详情

غۇلجا شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيە لاۋما 44120 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-07-02 12:01作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

6 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، «شادلىق 8» ئۇيۇنى 2021162-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، غۇلجا شەھىرى 65410328 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى لاۋما «شالىق 8» ئۇيىنىدا "بەشنى تاللاش" ئۇسۇلىنى قوللىنىپ 2 ھەسسە "دەن 4 چۈەن تو" بويىچە دو تىكتى، تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ تۆت دەنما چىقتتى، دەل شادلىق 8 ئۇيۇنى 280 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات تارقىتىش مەزگىلى بولغاچقا، لاۋما يەنە ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 44120 يۈەن بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، لاۋما پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ «سادىق مەستانىسى» بولۇپ، شادلىق 8 ئويۇنى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، ئۇ بۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئائىلىسىنىڭ « يېڭى ئەزاسى» غا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. 6 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، «شالىق 8» ئويۇنى 280 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى باشلاندى، لاۋما سادىق مەستانە بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمايتتى، ئۇ ھەر كۈنى ئىشى بولمىسىلا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ بىرنەچچە دو «شالىق 8» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالاتتى. 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، لاۋ ما ئادەتتىكىدەك 65410328 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى. شۇ كۈنى، ئۇ كەسكىنلىك بىلەن «بەشنى تاللاش» 4 دەن چۈەن تو دىن ئىبارەت دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىككى ھەسسە دو تىكتى. شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلدى، خۇش خەۋەر يېتىپ كەلدى، لاۋما خۇشاللىق بىلەن 44120 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، لاۋ ما خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالدى، ئۇ مۇنداق دېدى:«ئەمدى مېنىڭ لاتارىيە فوندىرىم يەنە يېتەرلىك بولدى! شادلىق 8 ئويۇنى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى تەخمىنەن يەنە 30 سان داۋاملىشىشى مۇمكىن، بۇنداق تەستە قولغا كېلىدىغان ياخشى پۇرسەتنى بىر قارارمۇ قولدىن بېرىپ قويغۇم يوق!»-دېدى.

1.png

分享到: