新闻详情

ياۋرۇپا لوڭقىسى تۆت كۈچلۈك كوماندا بارلىققا كەلدى

发表时间:2021-07-04 05:42作者:ئەلكۈيى تەنتەربىيە قانىلى来源:ئەلكۈيى

WechatIMG79.jpeg

ئەلكۈيى تەنتەربىيە قانىلى : 2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى مۇسابىقە كۈنىدىكى   مۇسابىقىلەر تولۇق ئاخىرلاشتى، بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسىدىكى تۆت كۈچلۈك كوماندا مەيدانغا كەلدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئېنگلاند vs دانىيە، كېيىنكى يېرىم مەيدان ئىتالىيە vs ئىسپانىيە!

848319c1-b977-4f53-b02e-dd7988b605c5.jpg

نۆۋەتتە مەرگەنلەر تىزىملىكىدە شىك بىلەن كىرىستىيانو رونالدو بەش توپ جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەمما ھەر ئىككىلىسى شاللىنىپ بولدى، شۇڭا توپ كىرگۈزۈش قايتا كۆپەيمەيدۇ، ئەمما سىتىرلىڭ بىلەن كەيننىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۈچ توپ ئارقىدا تۇرىدۇ، ئىككىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ياكى تەتۈر ئېشىپ قېلىشتىن ئۈمىد بار.

ئەمدى نۆۋەتتىكى مۇسابىقە ، ئىككى مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بولۇپ 7-ئاينىڭ   7-كۈنى سەھەر سائەت 3:00 دە ۋە   8-چېسلا سائەت 3:00 تە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئىتالىيە كوماندىسى ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن، ئېنگلاند كوماندىسى دانىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، تۆت كوماندىنىڭ   مۇسابىقىلىرى داۋاملىق ئۆز نۆۋىتىدە ئەلكۈيىگە تەۋە پۈتۈن تاراتقۇلاردا نەق مەيداندىن چۈشەندۈرۈلۈپ بىۋاستە تارقىتىلىدۇ .


بۇ تۆت كوماندا بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن بولۇپ، ئىتالىيە كوماندىسى ئالتە قېتىم ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن، ئىسپانىيە كوماندىسى بەشىنچى قېتىم يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن، دانىيە كوماندىسى بولسا ئۈچ قېتىم يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن، « 92-يىل چۆچىكى» نى بارلىققا كەلتۈرگەن دانىيە دۆلەت كوماندىسى 29 يىلدىن كېيىن يەنە تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تۆت كۈچلۈك كوماندا ئىچىدە پەقەت ئېنگىلادلا ياۋروپا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىش رېكورتىنى ساقلاپ باقمىغان.

ياۋروپا لوڭقىسى تۆت كۈچلۈك مۇسابىقىسى

-7ئىيۇل سەھەر سائەت 3:00 (بېيجىڭ ۋاقتى) ئىتالىيە vs ئىسپانىيە

-7 ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەر سائەت 3:00 دە (بېيجىڭ ۋاقتى) ئېنگىلاند vs دانىيە



分享到: