新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى ليۇ ئەپەندى ئەپەندى 46800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-07-05 12:08作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

كورلا شەھىرىدىكى لاتارىيەچى ليۇ ئەپەندىنىڭ «شادلىق 8» ئۇيۇنىدا ئامىتى كەلدى، ئۇ 6-ئاينىڭ 10-كۈنى «دەن 5 چۈەن تو» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، «ئالتىنى تاللاش» ئويناش ئۇسۇلى بويىچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، بەش دانە دەنمانىڭ ھەممىسى چىقتى، ۋە 46800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ليۇ ئەپەندىنىڭ ئۆيى كورلا شەھىرىنىڭ 65280283 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بىر قەدەر يېقىن، شۇڭا ۋاقتى بولسىلا دائىم بېرىپ ئولتۇرۇپ، لاتارىيەچى دوستلار بىلەن پاراڭلىشىپ، بىر نەچچە تال لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالاتتى، بۇ ئادەت كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۆزگەرمەي كەلدى. بۇ يىل شىنجاڭ لاتارىيە بازىرىغا كىرگەن «شادلىق 8» ئويۇنى ئۇنىڭ دىتىغا ياققان بۇلۇپ، نۇرغۇن دو تىكىش ئۇسۇللىرى ئىچىدە ئۇ "دەنما چۈەن تو" ئۇسۇلىسىنى قوللىناتتى.

ـــ«لاتارىيە ئويناش ئۈچۈن ئەلۋەتتە "تورنى چوڭ يېيىپ، چوڭ بېلىقلارنى تۇتۇش" كېرەك! لېكىن، ھەر قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان سوممام بەك كۆپ بولۇپ كەتسە بولمايدۇ، بىرىنچىدىن، ئىقتىسادىي كۈچ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئىككىنچىدىن، مۇشۇنداق قىلسا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش خۇشاللىقىدىن ھۇزۇرلىنالغىلى بولمايدۇ.»-دېدى ليۇ ئەپەندى. شۇڭا، «دەن 4 چۈەن تو» ، «دەن 5 چۈەن تو» ليۇ ئەپەندى دائىم قوللىنىدىغان دو تىكىش ئۇسۇلىغا ئايلانغان. 6- ئاينىڭ 10- كۈنى، ليۇ ئەپەندى «شادلىق 8» نومۇرىنىڭ يۈزلىنىش خەرىتىسىنى كۆزەتكەندىن كېيىن، كەسكىنلىك بىلەن « 09، 18، 31، 39، 42» دىن ئىبارەت بەش نومۇرنى دەنما قىلىپ تاللاپ، « ئالتىنى تاللاش» قا قارىتا ««دەن 5 چۈەن تو»» غا دو تىكتى، نەتىجىدە بەش دەنما تۇلۇق چىقتى، ۋە 46800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات نەقلەشكەندىن كېيىن، ليۇ ئەپەندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ئىزچىل دەن تو بىلەن دو تىكىشنى ياخشى كۆرىمەن، ھەر قېتىم ئوخشاش بولمىغان نومۇرنى تاللايمەن، بۇ قېتىمقى مۇكاپات پۇلىنى سودا ئوبوروتىغا ئىشلىتىشكە تەييارلىق قىلدىم، بۇ مۇكاپات پۇلىنىڭ ئۆزۈمنىڭ سودىسىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىغا، تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىغا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

1.png

分享到: