新闻详情

مەركەز مەخسۇس لاتارىيە بېلىتى كۆپچىلىك پاراۋانلىقى فوندى

发表时间:2021-07-05 16:36作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

2020-يىلى مەركەزنىڭ مەخسۇس لاتارىيە بېلىتى كۆپچىلىك پاراۋانلىقى فوندى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈرلىرىگە ياردەم بېرىشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىدى


        2020 ـ يىلى، مەركەزنىڭ مەخسۇس لاتارىيە كۆپچىلىك پاراۋانلىقى فوندى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە 500 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاساسلىقى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى، مائارىپ ئىشلىرى، تەنتەربىيە ئىشلىرى قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدى. ئۇ ئائىلە ۋە مەھەللە داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى بىلەن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى ياردەم تۈرى، ئىجتىمائىي خىزمەت ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتى تۈرى، نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك دەم ئېلىپ داۋالىنىش ۋە سەييارە داۋالىنىش ياردەم تۈرى، يېزا-بازار دېھقانلار تەنتەربىيە بەدەن چېنىقتۇرۇش قۇرۇلۇشى، مەھەللە بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى قۇرۇلۇشى، مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ تەنتەربىيە قۇرۇلۇشى سايمانلىرىنى يېڭىلاش تۈرى، بەدەن چېنىقتۇرۇش پىيادىلەر يولى تۈرى، قار ئۈستى ئەنئەنىۋى تۈر مەكتەپلىرى، ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە كونكرېت ئىشلىتىلىدى.

     لاتارىيە دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مەبلىغى توپلاشتىكى مۇھىم يولى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايون باشتىن ـ ئاخىر جەمئىيەتتىن كېلىش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقتىن ئېلىپ، خەلققە ئىشلىتىش پىرىنسىپى بويىچە مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىگە، نامرات رايونلار ۋە ئاجىز ئاممىغا «كەمتۈكلۈك» لەرنى تولۇقلايدىغان كۆپچىلىك پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا مايىللاشتى. مەركەزنىڭ مەخسۇس لاتارىيە بېلىتى كۆپچىلىك پاراۋانلىقى فوندى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇردى. بىرىنچىدىن، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش. دۆلەت خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىغا قويغان« جىددىي، قىيىن مەسىلىلەرنى قۇتقۇزۇش، تۆۋەن چەكنى ساقلاش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش» تىن ئىبارەت خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، تۇرمۇشتا ئىز-دېرىكى بولمىغان سەرگەردان تىلەمچىلەرگە ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، جەمئىيەتتىكى ئاجىز ئاممىنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش پاراۋانلىق ئورنىدىن 25 نى ۋە بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتىدىن 14 نى يېڭىدىن قۇرۇش، كېڭەيتىپ قۇرۇش ۋە ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەشكە ياردەم بەردى، ھازىر ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلارنى مەركەزلىك بېقىش ۋە يېتىم بالىلارنى بېقىۋېلىش ئاپپاراتلىرىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، ئاپپاراتلارنىڭ باشقۇرۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلار ۋە تەنھا ياشانغانلارنىڭ ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ياشانغان، ئاجىز، مېيىپ، بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشتەك ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالدى. ئىككىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش. نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇش ئۈچۈن، لاتارىيە كۆپچىلىك پاراۋانلىق فوندىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، سېلىنغان مەبلەغ ئومۇمىي مەبلەغنىڭ 40 نى ئىگىلىدى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن ٪18.4 ئاشقان، شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس ھەقسىز دەرسلىك كىتاپپ تارقىتىپ بېرىلىدى، مائارىپ ئادىللىقىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلەتتى، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قالماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قەدىمىنى تېزلەتتى، دېھقان-چارۋىچىلار ئائىلىسىنىڭ مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق نەتىجىلىرىنى ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملىدى. ئۈچىنچى، ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش. شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، « 300 مىليون كىشىنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش» نىشانىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى ئەنئەنىۋى تۈر مەكتىپىدىن 35 ىگە ياردەم بېرىپ، ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرى مەكتىپىدىن 60 ىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مەشىق مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق ئاممىسىنىڭ تەنتەربىيە چېنىقىشىغا قاتنىشىشىنى كۈچەيتىپ، تەنتەربىيە ئىدىيەسى ۋە بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، 66 يېزا ـ بازاردىكى دېھقانلارنىڭ تەنتەربىيە چېنىقىش قۇرۇلۇش تۈرىگە ياردەم بېرىپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىدىيەسىنى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2020 ـ يىلى، مەركەزنىڭ لاتارىيە كۆپچىلىك پاراۋانلىقى فوندى سېلىنمىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىيەتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئامما ۋە ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىنى تولۇق نامايان قىلىپ، لاتارىيە كۆپچىلىك پاراۋانلىقى فوندىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خاراكتېرىنى بىر قەدەر ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت لاتارىيەسىنىڭ كۆپچىلىك پاراۋانلىقى خاسلىقى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇپ، لاتارىيە كۆپچىلىك پاراۋانلىقى فوندىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىر كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇردى.

分享到: