新闻详情

لاتارىيە ئويناشتىكى ئاچقۇچ ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش

发表时间:2021-07-06 16:49作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

قاراماي شەھىرىدىكى لياۋ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ «سادىق مەستانىسى» بۇلۇپ، ئۇ 3D ئويۇنىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ ئادەتتە بوش ۋاقتى بولسىلا 65020125 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ 3D نومۇرىنىڭ يۆلىنىش خەرىتىسىنى تەتقىق قىلاتتى، ۋە ناھايىتى زور تەسىراتلارغا ئىگە بولۇپ، ئۆزىنى «كۈچى زور» دەپ قارايتتى. لېكىن، ھەيران قالارلىقى شۇكى، لياۋ ئەپەندى 3D ئويۇنىنى ئوينىغاندىن بۇيان «چاقنىغان» نەتىجىلەرگە ئېرىشمىگەن ئىدى، پەقەت نەچچە قېتىم مىڭ، يۈز يۈەنلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن، بىراق «سادىق مەستانە» ئوخشىمايدىغان بۇلۇپ چاقنىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشمىگەن بولسىمۇ لىياۋ ئەپەندىنىڭ 3D غا بولغان قىزغىنلىقى قىلچە سۇسلاشمىغان.

6 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، لياۋ ئەپەندى ئادەتتىكىگە ئوخشاش 65020125 ـ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، ئىلگىرىكى «باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش» ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، لاتارىيەچىلەر بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلىدى. مال ساتقۇچى قىزىقچىلىق قىلىپ: ـــ ۋۇي! لاۋلياۋ بۈگۈن سىز سەل بىنورمال بولۇپ قاپسىز! "دەرس تەكرار قىلمامسىز؟" كۆپچىلىك يەنە سىزنىڭ قارار چىقىرىشىڭىزنى ساقلاۋاتىدۇ! »-دېدى، « ھەي! دائىم مۇكاپات چىقمايدۇ، قارىغاندا مەنمۇ تاكتىكىنى ئۆزگەرتىدىغان ئوخشايمەن! ئاددىي ئىشلارنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ بەك چارچاپ كەتتىم. بۈگۈن مەنمۇ يەڭگىللەپ قالدىم، بۈگۈن ئۆزۈمنى قۇيىۋېتىپ تۇرۇپ تەلىيىمنى سىناپ باقاي، "089" نى تاللاي! خېلى يامان ئەمەستەك قىلىدۇ، ماڭا 20 ھەسسە يەككە تاللاش ئېلىپ بېرىڭ، مۇكاپات چىقىش چىقماسلىق مۇشۇنىڭغا باغلىق»-دېدى.

لياۋ ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇنداق خالىغانچە تاللىغان بىر دو نومۇرىنىڭ ھەقىقەتەن ئامەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. شۇ كۈنى كەچتە، 3D ئويۇنلىرىنىڭ مۇكاپات نومۇرى ھەقىقەتەن «089» بولۇپ، لياۋ ئەپەندى 20800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. لياۋ ئەپەندى:«مۇكاپات ئالغاندا، لاتارىيە ئويناشتىكى ئاچقۇچ ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش كېرەك، نەتىجىنى مۇھىم دەپ بىلىپ لاتارىيە سېتىۋېلىش جەريانىدىكى ئۆزگىچە خۇشاللىققا سەل قارىماسلىق كېرەك»-دېدى.

(قاراماي لىلىڭ)

2.png

分享到: