新闻详情

ئىتالىيە ۋە ئېنگىلاند چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىگە نەزەر

发表时间:2021-07-09 16:22作者:ئەلكۈيى来源:ئەلكۈيى




640-24.gif640-59.pngWechatIMG79.jpeg

بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر سائەت 3:00 تە، 2021-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى يەنى بۇ نۆۋەتلىك ياۋرۇپا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدا   لوندوندىكى ۋىمبىلى پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزىلىدۇ ،بۇ مەيدان مۇسابىقىدە   ئىتالىيە كوماندىسى   ساھىبخان كوماندا   ئېنگلاند   كوماندىسى بىلەن بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى تالىشىدۇ. مۇسابىقە تولۇق جەريانى ئەلكۈيىگە تەۋە پۈتۈن تاراتقۇلاردا دەل ۋاقتىدا چۈشەندۈرۈلۈپ بىۋاستە تارقىتىلىدۇ.

未标题yinggelan-1.jpg


ئىتالىيە   ھازىر دۇنيا بويىچە 7-ئورۇندا، ياۋروپا رايونىدا 6-ئورۇندا بولۇپ، پۈتۈن كوماندىنىڭ ئومۇمىي باھاسى 751 مىليون ياۋرو. بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ   7- قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن   مۇسابىقىسى بولۇپ، تارىختا ئىلگىرى ئ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىر قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولۇپ   سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرەلمىگەن.

ئېنگلاند كوماندىسى نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە 4-ئورۇندا، ياۋروپا رايونىدا 3-ئورۇندا بولۇپ، پۈتۈن كوماندىنىڭ ئومۇمىي باھاسى 1 مىليارد 270 مىليون ياۋرو، مۇسابىقىگە قاتناشقان 24 كوماندا ئىچىدە ئومۇمىي باھاسى ئەڭ يۇقىرى كوماندا ھېسابلىنىدۇ. كوماندا تارىختا ياۋرۇپا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ باقمىغان ياكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ھازىرغىچە كىرىپ باقمىغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كېرىشى ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 1968-يىلى ۋە 1996-يىلىدا 3-بولغان. ئىككى كوماندىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچقا كىرىش   مۇسابىقىسىدە ئوخشاشلا جاپالىق جەريانلار بار بولۇپ ، ئىتالىيە ئېنگىلاندقا قارىغاندا بىر كۈنلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى ئوزۇن بولغان بولۇپ ، بەدەن ئىقتىدارى ئەۋزەللىكى ئىتالىيە تەنھەركەتچىلىرىنى تېخىمۇ قالتىس قىلىۋېتىشى ، ساھىپخان ھالەتتە مۇسابىقە ئوينايدىغان ئېنگىلاندنى تىزگىنلىگىلى بولماسلىقى مۇمكىن، بۇ مەيدان مۇسابىقە ئەلكۈيىگە تەۋە پۈتۈن تاراتقۇلاردا چۈشەندۈرۈلۈپ بىۋاستە تارقىتىلىدۇ .

ئېنگلاندنىڭ قەغەز يۈزى ئەمەلىي كۈچى سەل ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۆز مەيدانىدا جەڭ قىلىپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ساداسىبىر قەدەر كۈچلۈكرەك ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىشتىكى ئاساس بولغان   نۇقتا توپ ھۆكۈمى غايەت زور تالاش-تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئۆز مەيدان ئەۋزەللىكى ئېنگىلاندنىڭ ئۆز مەيدان بېسىمىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

ئىككى مەيدان تارىخىي داستاندەك يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، لوندوندا ھازىر بىر مەيدان ياۋروپا لوڭقىسى تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئېنگلاند ئالاھىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.

ئىتالىيە ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىلەردە   بېلگىيە ۋە ئىسپانىيە بىلەن كەسكىن ،   رىقابەتچانلىققا ئىگە شاللاش مۇسابىقىسىدە ئۈزۈپ چىقىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. بۇ بېلگىيەدىن 2-1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى، لېكىن ئىسپانىيە ئۇلار ئۈچۈن غايەت زور توسالغۇ پەيدا قىلغان بولسىمۇ،ئەڭ ئاخىرقى نوقتا توپ جېڭىدا ئىتالىيە غەلبە قىلىپ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم قويدى،بۇ ئىتالىيەنىڭ 2012-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىدىن بۇيانقى تۇنجى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىتالىيەنىڭ بىردىنبىر ياۋروپا لوڭقىسى چىمپىيۇنى 1968-يىلى ساھىبخان ھالەتتە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلارمۇ 2000-يىلى ۋە 2012-يىلىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولۇپ، گەرچە ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇلار تۆت نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىككى نۆۋەت غەلىبە قىلغان. كۆك كىيىملىك   قوشۇن   ناۋادا ھەل قىلغۇچتا يېڭىلمىسە ئۇنداقتا ئۇلار يەنىلا 33 مەيدان يېڭىلمەسلىك ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ھالەتتە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشى مۇمكىن. بىر   كوماندىغا   نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى قايىل قىلىدىغان نەتىجە ھېسابلىنىدۇ.چۈنكى ئېنگىلاند 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن، لېكىن ئىتالىيە 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش شەرىپىگىمۇ ئېرىشەلمىگەن. كىيىنكى تېرىشچانلىقلار بىلەن بۈگۈنكى يېڭىلمەس ھالىتى شەكىللەنگەن.

ھەر ئىككى كوماندا دۇنيادىكى كۈچلۈك كوماندىلار، مەيلى مۇسابىقە ھالىتى ياكى ئەمەلىي كۈچ جەھەتتىن بولسۇن، پەرق ئىنتايىن كىچىك، گەرچە ئېنگلاند يوشۇرۇن ساھىبخان بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆرۈنەرلىك ساھىبخان ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرىكى بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىدىن قارىغاندا، ئىتالىيە ئېنىقكى تېخىمۇ پۇختا، ساغلام، كۆزگە كۆرۈنەرلىك ھالەتتە بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇمدا مۇداپىئە   مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقالايدىغان بولۇپ، جەڭگىۋارلىقى جەھەتتە تېخىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە، تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئىتالىيەنىڭ ئادەتتىكى مۇسابىقىلەردەك مەغلۇپ بولماسلىق ئېھتىماللىقى تېخىمۇ چوڭ دەپ قارالماقتا ، بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارغا قىززىقسىڭىز دىققىتىڭلار داۋاملىق ئابىدە شىركىتى تاجدارلىقىدىكى 2020 ياۋرۇپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ئەلكۈيى نەق مەيدان تارقىتىش پروگراممىسىدا بولسۇن.


分享到: