新闻详情

ئامېرىكا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە ئەلكۈيىدە نەزەر

发表时间:2021-07-09 16:38来源:ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى

WechatIMG79.jpeg640-24.gif

بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەر سائەت 8 دە، ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بىرازىلىيە كوماندىسىبىلەنئارگېنتىنا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزىلىدۇ ، بۇ مەيدان مۇسابىقە ئەلكۈيىگە تەۋە پۈتۈن تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈپ بىۋاستە تارقىتىلىدۇ.

qimpiyonluk1.jpg

بىرازىلىيە پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسىنى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرى دېيىشكە بولىدۇ، ھەر ئىككى كوماندىدا نۇرغۇن تالانتلىق تالانتلىق توپچىلار   بار، بۇ ھەم كۇلۇپ تارىخىدا ناھايتى يېقىن ئۈتىدىغان دۇنياغا داڭلىق پۇتبول چولپىنى مېسسى بىلەن نېمار ئوتتۇرىسىدىكى يەكمۇ يەك قارشىلىشىش ھېسابلىنىدۇ.

سامبا ئارمىيەسى دەپ ئاتىلىدىغان بىرازىلىيە   كوماندىسى تارىختا جەمئىي 9 قېتىم ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ئارگېنتىنا 14 قېتىم ئامېرىكا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، نوقۇل ھالدا سان جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئارگېنتىنا چوقۇم ئۈستۈنلۈكتە تۇرىدۇ، لېكىن ئارگېنتىنانىڭ ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق لوڭقا كۆتۈرۈشىنى 1993- يىلىغا سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ يەنى ئارگېنتىنا كوماندىسى 28 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ھېچقانداق چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىدى، برازىلىيە كوماندىسى بولسا 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە بەش   قېتىم ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1997-يىلى، 1999-يىلى، 2004-يىلى، 2007-يىلى ۋە 2019-يىلى، بۇنىڭ ئىچىدە 97-يىلى   99-يىلى   ،2004-يىلى   ۋە 2007-يىلى ئىككى قېتىم چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالدى، بۇ يىل ئۇلار ئۈچىنچى قېتىم چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالماقچى بۇلىشى ھېسابلىنىدۇ..

بىرازىلىيە كوماندىسى ئۆز تۇپرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئەزەلدىن چېمپىيونلۇقنى قولدىن بەرمەي، بەش قېتىم شاھ بولغان، بۇ قېتىم ئۇلار چېمپىيونلۇقنىڭ گېنىنى يەنە داۋاملاشتۇرالامدۇ؟ شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئىپادىسىدىن قارىغاندا، بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ ئومۇمىي ئەۋزەللىكى يەنىلا ناھايىتى روشەن ئەۋزەللىككە ئېگە بولۇپ، ئۇلار   چىلى بىلەن پېرۇنى ئىككىگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن شاللىۋەتتى، ھەر ئىككى توپنى پاكۇيتا كىرگۈزدى، بۇنىڭدىن بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ پۇرسەت تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە مۇداپىئەنىڭ سۈپىتىمۇ ماختاشقا ئەرزىيدۇ، ئۇدا ئىككى مەيدان نۆل توپ كەتكۈزدى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىرازىلىيە كوماندىسىنى ئەندىشىگە سالغىنى بولسا، رىسۇس چىلى كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە قىزىل كارتا يەپ، ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەنگەن، بۇ ھۇجۇمچىدىن ئايرىلىپ قالغان كوماندا ، ئەمدى   نېيمار، رىسارىسون، فېرمىنو، كاسمىرو قاتارلىق توپچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

مېسسى باشچىلىقىدىكى ئارگېنتىنا شاللاش مۇسابىقىسىدە يەڭگەن كوماندا ئېكۋاتور بىلەن كولومبىيە بولۇپ، ئۈچ توپ بىلەن ئېكۋاتورنى يېڭىپ، نۇقتا توپ جېڭىدە كولومبىيەنى شاللىۋەتكەن. مېسسى قىلچە تالاش-تارتىش پەيدا   قىلمىغان ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان توپچىلارنىڭ بىرى، بۇ بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈش ياكى پاس بېرىش جەھەتتىن ئىپادىسى ياخشى بولۇپ، ئامېرىكا لوڭقىسى مەزگىلىدە 4 توپ كىرگۈزۈپ 5 ياردەمچى پاس بەرگەن، شۇنى بىلىش كېرەككى ئارگېنتىنا كوماندىسى جەمئىي 11 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، 9 توپنىڭ ھەممىسى مېسسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دېمىسە بولمايدىغان مەسىلە شۇكى، مېسسى دەل ئارگېنتىنانىڭ چېمپىيونلۇقتىكى ئەڭگۈشتىرى.

ئارگېنتىنا 7 نۆۋەتلىك ئامېرىكا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 4 قېتىم ئىككىنچى بولۇشنىڭ تەمىنى تېتىدى، 2004 ۋە -2007 ئىككى قېتىم بىرازىلىيە بىلەن چىلىغا يېڭىلىپ قالدى. مىسسى ئارگىنتىنانى يىتەكلەپ دۆلەت كوماندىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشەلمەسلىك قەھەتچىلىكىنى بۇزۇپ تاشلىيالامدۇ؟ بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەر سائەت 8 دە، ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۆز جاۋابىنى تاپىدۇ ، ئەلكۈيىگە تەۋە پۈتۈن تاراتقۇلاردىن مۇسابىقىنى ۋاقتىدا كۆرىشىڭلارنى سورايمىز.


分享到: