新闻详情

مەن داۋاملىق "شادلىق 8" ئۇيۇنىنى قوللايمەن

发表时间:2021-07-09 16:16作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى


پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئويۇنى نۇرغۇن « كونا ئويۇنچى» لارنى ئىنتايىن قىزىقتۇردى، بۇ ئويۇندا بەش مىليون مۇكاپات بار بۇلۇپلا قالماي، چوڭ-كىچىك مۇقىم مۇكاپاتلارمۇ ناھايىتى كۆپ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئويناش ئۇسۇلى كۆپ، تاللىشى كۆپ، قىزىقارلىقلىقى كۈچلۈك بولۇپ، لاتارىيەچىلەر « خالىغانچە» ھالەتتە «شادلىق 8» نىڭ سېھرىي كۈچىنى، مۇكاپات ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

يېقىندا، ئۈرۈمچىدىكى لاتارىيەچى «شادلىق8» ئۇيۇنىدا 60000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇ ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش بولدى! « 6 نى تاللاش» ئويناش ئۇسۇلى ۋاڭ ئەپەندىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ «قىزغىن» ئويناش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ نومۇر تاللاشتىمۇ ناھايىتى «ئەھمىيەت بېرىش» ئۇسۇلى بار، 10 قارار ئىچىدە ئىككى دانە قىزىق نومۇر، ئۈچ دانە ئىسسىق نومۇر، بىر دانە سوغۇق نومۇر تاللىنىدۇ، نومۇر ساقلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، 10 قاراردىن كېيىن مۇكاپات چىقمىسا، كەسكىن ھالدا نومۇر ئۆزگەرتىلىدۇ.

5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، ۋاڭ ئەپەندى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئادەتتىكىدەك ئۆزىنىڭ «ئارزۇ بېكىتى» __ خۇالىڭ بازىرىغا جايلاشقان 65010537 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى. ئىشىكتىن كىرگەندىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى ئالدىنقى قاراردا سېتىۋالغان «6 نى تاللاش» ئويناش ئۇسۇلىنىڭ 20 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىغان لاتارىيە بېلىتىنى ساتقۇچىغا سۇنۇپ مۇنداق دېدى: « بۈگۈن بۇ ساقلاش نومۇرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر سانى، ئەتە نومۇر ئۆزگەرتىدىغان ۋاقىت كەلدى!»، مال ساتقۇچىمۇ قىزغىنلىق بىلەن: « بەلكىم بۇ قاراردا كاتتا مۇكاپات چىقىپ قېلىشى مۇمكىن»-دېدى. كەچتە ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى بۇرۇنقىدەكلا «شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ مۇكاپات نومۇرىنى تەكشۈردى، مۇكاپات نومۇرىدىن ئۆزى دو تىككەن ئالتە نومۇرنىڭ ھەممىسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىزدىدى، ئىزدەپ يۈرۈپ، بەش سېكۇنت ئىچىدە ئۆزى دو تىككەن ئالتە نومۇرنىڭ ھەممىسى مۇكاپات نومۇرىنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، ۋاڭ ئەپەندى ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، ئۇ «شادلىق 8» 2021118 ـ قاراردا 20 دو «6 نى تاللاش» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇلۇپ، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 60000 يۈەن بولغان. مۇكاپات ئالغان ۋاڭ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: « بۇ ئويۇن ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، ئويناش ئۇسۇلى كۆپ، مۇكاپات چىقىش نىسبىتى يۇقىرى، مەن ئۆزۈمنىڭ ئويناش ئۇسۇلى بويىچە داۋاملىق "شادلىق 8" ئۇيۇنىنى ئىزچىل قوللايمەن، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر كۈنى خۇشال- خۇرام ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىمەن!»-دېدى.

(ئۈرۈمچى جۇگورۈي)


分享到: