新闻详情

ۋۇ يىفەننىڭ پەسكەشلىك قىلمىشلىرى

发表时间:2021-07-19 16:22作者:ئەلكۈيى来源:سىنا تورى

WechatIMG79.jpeg


2021719

7-ئاينىڭ 19-كۈنى «SNH48»نىڭ سابىق ئەزاسى جاڭ دەنسەن (张丹三) ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ۋۇ يىفەن (吴亦凡) بىلەن بولغان پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى ئاشكارىلاپ، بىر مەھەل تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.

پاراڭلىشىش خاتىرىسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ۋۇ يىفەن جاڭ دەنسەن بىلەن تونۇشۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي جاڭ دەنسەندىن شاڭخەيگە بېرىپ كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن قىز دوست تاپماقچى بولغانلىقىنى ھەمدە توي قىلماقچى بولغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋۇ يىفەن كۆپ قېتىم جاڭ دەنسەنگە ئۆزىنىڭ بويتاقلىقىنى تەكىتلىگەن، يەنە جاڭ دەنسەندىن شەخسىي تۇرمۇشىنى سورىغان. كېيىن ۋۇ يىفەننىڭ كۆپ قېتىم كۆرۈشۈش تەكلىپى بىلەن جاڭ دەنسەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن، لېكىن ئىككەيلەن مېھمانسارايدا ئۇچراشقاندا ۋۇ يىفەن جاڭ دەنسەنگە نامۇۋاپىق ھەرىكەتلەرنى قىلىش غەرىزىدە بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ئېكراندىكى باشقلارغا ياخشى تەسىر بېرىدىغان ئوبرازىدىن زور پەرقلەنگەن.

جاڭ دەنسەن مىكرو بىلوگىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا: «ھازىر يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان ۋە كۆرۈشكەنلىكىمنى ئويلىساملا قورقونچ ھېس قىلىمەن» دېگەن.

ئۇنىڭدىن كېيىن بەزى تورداشلار ۋۇ يىفەننىڭ ئۇنىۋېرسال پىروگراممىغا قاتناشقاندا تارتىلغان سۈرىتى بىلەن پاراڭلىشىش خاتىرىسىدىكى ۋۇ يىفەن جاڭ دەنسەنگە يوللىغان سۈرەتنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، جاڭ دەنسەن بىلەن پاراڭلاشقان ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ۋۇ يىفەن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

7-ئاينىڭ 18-كۈنى دۇ مېيجۇ (都美竹) ئالاقە تورىدا يازما ئېلان قىلىپ ۋۇ يىفەننى ئەيىبلىگەن ھەم قولىدىكى ۋۇ يىفەنگە مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا سۇنسا، ۋۇ يىفەننىڭ ئون يىل تۈرمىدە ياتىدىغانلىقىنى، ۋۇ يىفەندىن دەرھال كەچۈرۈم سوراشنى ھەم تاماشا ساھەسىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەتىگەن ۋۇ يىفەن ۋە ئۇنىڭ ئىشخانىسى دۇ مېيجۇنىڭ بايانلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى، ۋۇ يىفەن يەنە دۇ مېيجۇنى ساقچىغا مەلۇم قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەمەس بەلكى دۇ مېيجۇنىڭ تۈرمىگە كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى تەرەپ ئۆز گېپىنى يورغىلىتىپ تورداشلارنى گاڭگىرىتىپ قويدى.

ئەمما مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، دۇ مېيجۇ ئۇدا يازما ئېلان قىلىپ ۋۇ يىفەننى پاش قىلدى، كۆپ ساندىكى تورداشلار دۇ مېيجۇ تەرەپتە تۇرۇشنى تاللىدى ھەم ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۇنىڭغا مەدەت بەردى.

دۆلىتىمىزدىكى تورداشلاردىن باشقا يەنە ياپونىيە، كورېيەلىك تورداشلارمۇ ۋۇ يىفەننىڭ ئاشكارىلانغان قىلمىشىدىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

نۆۋەتتە بۇ ئىش تېخىمۇ يوغىناپ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى، ھەتتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى، ئەگەر ۋۇ يىفەن ۋە ئۇنىڭ ئىشخانىسى كۆپچىلىككە قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرۈش بەرمىسە قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.


分享到: