新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى ئەلى ئەپەندى 400000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-07-13 17:53作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

6 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، تەلەيلىك لاتارىيەچى ئەلى تولى ناھىيەسىدىكى 65425301 پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىدا «ئون ھەسسە ئامەت» بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 400000 يۈەن بولدى!

ئىگىلىنىشىچە، ئەلى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق مەستانىسى بولۇپ، بوش ۋاقىتلىرىدا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىكەن. مۇكاپات چىققان كۈنى ئەلى قىزىنىڭ ماگىزىنىغا بېرىش يولىدا، دائىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىغان پاراۋانلىق لاتارىيە بېكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، شۇ كۈنى «قوش رەڭلىك توپ» نىڭ مۇكاپات ئېچىلىدىغان كۈنى ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى، ۋە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ، « قوش رەڭلىك توپ» قا دو تىكىپ بولغاندىن كېيىن، قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى « چولپان» چولپان بىلەت تۈرى « ئامەت ئون ھەسسە» ئېلىپ قىرىشقا باشلىدى. ئەلى قىرغاچ مۇنداق دېدى: « پەقەت تۆت تاللا "ئون ھەسسە ئامەت" قاپتۇ، مەن ھەممىنى ئالاي»، ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچىسىنى قىرغاندا، ئەلى تۇيۇقسىز «مۇكاپات نومۇرى» 20 نىڭ « مېنىڭ نومۇرۇم» رايونىدا پەيدا بولغانلىقىنى كۆردى، مۇكاپات سوممىسىنىڭ 400 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئەلى خۇشاللىقنى تۇتۇۋېلىپ قايتا ـ قايتا جەزىملەشتۈردى، يەنە مال ساتقۇچىغا سېلىشتۇرۇپ بېرىشنى ھاۋالە قىلدى، مال ساتقۇچى ھاياجانلانغانلىقىدىن:«كاتتا مۇكاپات! بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات!»-دېدى.

«ئون ھەسسە ئامەت» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەلى مۇكاپات ئالغاندا، ئۆزىنىڭ ئىزچىل لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزىدىغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى دەپ قارايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، تېخىمۇ مۇھىمى پات-پات پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا قەدەم تەشرىپ قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(چۆچەك-خۇاڭ خاۋ)

3.png

分享到: