新闻详情

پاككۈيئاۋ 12 قېتىملىق ئېلىشىشتا ئەجەللىك يېڭىلىپ قالدى

发表时间:2021-08-22 16:47作者:ئەلكۈيى来源:ئەلكۈيى




بېيجىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بورۇن ئۆتكۈزۈلگەن WBA ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر بوكىس شاھى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، رىۋايەتلىك دۇنيا بوكىس شاھى ، دۇنيا بوكس سەھنىسىدە تۇنجى بولۇپ سەككىز دەرىجە بويىچە دۇنيا چېمپىيونى بولغان ڧىلىڧىنلىق دۇنيا بوكىس شاھى پاككۈيئاۋ   12ئايلانما جاپالىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق ، يېڭىدىن يىتىشىپ چىقىۋاتقان كۇبالىق بوكىس چىمپىيونى ئۇگاسقا يېڭىلىپ قالدى.

كۇبالىق ئۇگاس بۇ يىل 35ياشقا كىرگەن بولۇپ ، كەسپىي نەتىجىسى 30 مەيدان مۇسابىقىدە 26 مەيدان غەلىبە قىلغان، 2020-يىلى 9-ئايدا ئۇگاس WBA دۇنيا بوكس شاھى ئالتۇن كەمىرىنى قولغا كەلتۈرگەن، بۇ يىل دەرىجىدىن تاشقىرى بوكس شاھى بولۇپ ئۆستۈرۈلگەن، بۇ مەيدان مۇسابىقە ئۇنىڭ تۇنجى مەيدان كەمەرنى ساقلاپ قېلىش جېڭى ھېسابلىنىدۇ.


مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئۇچرىشىشىدا، پاككۈيئاۋ سۈرئەت ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇسابىقە باشلىنىشىدا تېخىمۇ ئېھتىيات بىلەن ئوينىدى

پاككۈيئاۋ 3-ئايلانمىسىدىن باشلاپ قايتۇرما زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلەندى، ئۇگاسنىڭ بەدىنى پاككۈيئاۋدىن ئېگىز بولغاچقا نۇمۇر ئۈستۈنلىكىنى قولغا كەلتۈردى.

ئەڭ ئاخىرىدا،

ئىككىيلەن 12 ئايلانما مۇسابىقىلىشىپ، 113-116-113-116-116-112 نومۇر سانى بويىچە ئۇگاس ئۈستۈنلۈكنى رىۋايەتلىك دۇنيا بوكىس شاھى   ، دۇنيا بوكس سەھنىسىدە تۇنجى بولۇپ سەككىز دەرىجە بويىچە دۇنيا چېمپىيونى بولغان پاككۈيئاۋنى يېڭىپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.مۇسابىقە تولۇق جەريانى ئەلكۈيىگە تەۋە پۈتۈن تاراتقۇلاردا نەق مەيداندىن ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈپ بىۋاستە تارقىتىلغان بولۇپ مۇسابىقىنىڭ تولۇق قىسمىنى كۆرمەكچى بولغان دوستلار ئەلكۈيى كىنو ڧىلىم ئەپ دىتالىنى چۈشۈرۈپ قايتىلانمىسىنى كۆرسە بولىدۇ.

بوي ئېگىزلىكى ۋە بىلەك ئوزۇنلىقىدىن قارىغاندا، ئوگاس ناھايىتى زور ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. تۇنجى ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپ سىناپ بېقىشنى ئاساس قىلدى. پاككۈيئاۋ ھۇجۇم قىلىشقا ياخشى پۇرسەت تاپالمىدى. ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرۇشۇشتا، ئۇگاسمۇ پۇختا قەدەم بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئارىلىقنى كونترول قىلىپ، ئۇدا زەربە بەردى. ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا پاككۈيئاۋ ھۇجۇم رىتىمىنى ئۆزگەرتىپ شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى، ئۇگاس يەنىلا ناھايىتى سەۋرچانلىق بىلەن جەڭ قىلىپ، مۇداپىيەنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، پاكۇيئونىڭ سۈرئىتى، ئىنكاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن ئىدى.

تۆتىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن باشلاپ ئىككى تەرەپ كەسكىن ھۇجۇم ۋە مۇداپىيە ئۇرۇشى قىلدى، بۇ ئىككى پېشقەدەم سەركەردىنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن مۇسابىقىدىكى قىزىقچىلىق دەرىجىسى سۇسلاشمىدى. 4-ئايلانمىدا ئويناپ بولغاندىن كېيىن، پاككۈيئاۋ نىڭ يۈز قىسمى ،ئۇگاسنىڭ كۆزى ئازراق ئىششىپ قالدى. 5-ئايلانمىدا ئىككەيلەن يەنىلا بۇرۇنقى مۇسابىقە رېتىمىنى ساقلاپ قالغان، پاككىئو گەرچە ئۇگاستىن ئۈستۈن تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي مۇش تەككۈزۈش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولغان.

6-ئۇچرۇشۇشتا ئۇگاس داۋاملىق ئالدى قولى بىلەن مۇشت ئېتىپ پ پاككۈيئاۋ نىڭ مۇداپىئەسىنى قالايمىقان قىلىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئارقا قولى بىلەن قىرغىن قىلدى. ئەزەلدىن سۈرئەت بىلەن داڭ چىقارغان پاككۈيئاۋ ، بۇ قېتىم ئۇگاسنىڭ ئالدىدا سۈرئەت جەھەتتە ھېچقانداق ئەۋزەللىككە ئىگە ئەمەس ئىدى. 7-ئايلانما مۇسابىقىدە پاككىئو يەنىلا ئوگاسنىڭ مۇداپىئەسىنى بۇزۇپ تاشلىيالمىدى، ئوگاسنىڭ مۇداپىئە قىلىپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى. ئوگاس بىلەن پاككۈيئاۋ نىڭ كۆزىنىڭ ئىششىقىمۇ بارا-بارا روشەنلىشىپ پاككۈيئاۋ زەربە يىگەن ھالەتتە كۆرۈندى


8-، 9-ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپنىڭ بەدەن ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتتى، پاككۈيئاۋ ئۇگاسنىڭ كۆزىنى ئوت كۈچى بىلەن مۇشتقا تۇتتى،ئۇگاسنىڭ ئىككى كۆزى بارغانسېرى ئىششىپ كەتتى. ئونىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپ بىر مەيدان ئەسەبىي مۇشت ئېتىشىپ، نەق مەيداننى قىززىتىۋەتتى. 11-ئايلانما مۇسابىقىدە، قانداق قىلىپ ئۇدا ئۇگاسقا مۇشت چىقىرىش يەنىلا پاككۈيئاۋ دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلە ئىدى،

12-ئايلانما پاككۈيئاۋ ھايات-ماماتلىق جەڭ قىلدى، بىراق ئۇگاسنىڭ كېيىنكى مۇشتى بەك ئېغىر بولۇپ كەتتى، پاككۈيئاۋ نىڭ قاش ئەگمىسىىدىن قان چىقىپ كەتتى. ئىككىيلەن ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىگىچە ئېلىشتى، ئەڭ ئاخىرىدا پاككۈيئاۋ رەقىبىگە يېڭىلىپ قالدى، دەپ ھۆكۈم قىلىندى، ئۇگاس ئالتۇن كەمەرنى ساقلاپ قالدى.


پاككىئو مەغلۇپ بولدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ ئاخىرى يىللارنىڭ ئۆزىنى قېرىتىشىدىن قېچىپ قۇتۇلالماي، چامباشچىلىق سەھنىسىدىن ئۆكۈندى. گەرچە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇنىڭ بوكس مۇنبىرىدە يازغان رىۋايىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. 42 ياشلىق پېشقەدەم ماھىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى نۇرغۇن تەنھەرىكەتچىلەر چېكىنگەندە، ئۇ بۇرۇنقىدەكلا بوكس ساھەسىدە كۈرەش قىلدى، بۇ ھەممەيلەننى قايىل قىلىشقا ئەرزىيدۇ. مۇسابىقىدىن كېيىنكى زىيارەت جەريانىدا، پاككىئو ئۆزىنىڭ بىر مەزگىل ئارام ئېلىپ، يەنە مۇسابىقە ئويناش ئوينىماسلىقنى قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ مۇسابىقە بەلكىم پاكۇيئونىڭ ئەڭ ئاخىرقى جېڭى بولۇشى مۇمكىن،




分享到: