新闻详情

تەلەيلىك ئاشىق-مەشۇقلار« خۇشاللىق 8» بەخت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

发表时间:2021-07-21 20:26作者:ئەلكۈيى来源:ئەلكۈيى




» شاتلىق 8« ئويۇنى بويىچە مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى گەرچە ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرنىڭ>> شاتلىق 8<< ئويۇنىنى سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى قىلچە سۇسلاشمىدى. شىخەنزىدىكى لاتارىيە ستىۋالغۇچى شۇ خانقىز (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى دەل مۇشۇنداق لاتارىيە سېتىۋالغۇچىلاردىن ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر جۈپ ئاشىق ـ مەشۇقلارنىڭ ھەممىسى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ كۆپ يىللىق مەستانىسى بولۇپ، ھەر قېتىم سېتىۋالغىنى كۆپ ئەمەس، لېكىن ھەر كۈنى دېگۈدەك سېتىۋالىدۇ، تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، پەقەت بىر نەچچە قېتىم كىچىك مۇكاپات ئالغان. ئوغۇل دوستى شۈ خانقىزغا نەسىھەت قىلىپ: ـــ ئىككىمىزنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمىزدىن تەلىيىمىز يوق، بولمىسا سېتىۋالمايلى! شۈ خانقىز بولسا پىسەنت قىلمىغان ھالدا: « ھېچقىسى يوق، ئىشقىلىپ بىزنىڭ دو تىكىش سوممىمىز كۆپ ئەمەس، كۆپچىلىك پاراۋانلىقى ئىشلىرى بىلەن باشقىلارغا ياردەم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇسىنى ساقلاپ قالالىساق نېمىدېگەن ياخشى ـ ھە! » دېدى.

» خۇشاللىق 8« ئويۇنى شىنجاڭنىڭ سەيشى شەھىرىدە قىزغىن سېتىلىۋاتقىلى يېرىم يىلدىن ئاشتى، شۈ خانقىز بۇ ئويۇننىڭ بۇنچە قىزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، 7 ـ ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ» خۇشاللىق 8« نى تېتىپ بېقىشقا باشلىدى. ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ« سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش كۆرۈش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇردى، ھەر قېتىملىق دو تىكىش سوممىسى ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. 7-ئاينىڭ 21-كۈنى، شۈ خانقىز بىلەن ئوغۇل دوستى شىخەنزە شەھىرىدىكى 65030056 مەبلەغ سېلىش پونكىتىغا كېلىپ، « خۇشاللىق 8» نى ئويناپ، مال ساتقۇچىغا 11 ساننى مەلۇم قىلدى، بىر قېتىم« ئوننى تاللاش» بېلىتىگە زەربە بەردى، ئويلىمىغان يەردىن مۇنداقلا مەلۇم قىلغان بۇ سان ئويلىمىغان يەردىن توققۇز سانغا چۈشۈپ قالدى، بۇ ئىككىيلەن 23 مىڭ 200 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىن شۈ خانقىز خۇشال ھالدا: « بۇ ئىككىمىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق چوڭ مۇكاپاتىمىز! بىر نومۇر كەم بولسا بەش مىليون بولىدۇ! قارىغاندا بىز تېخىمۇ غەيرەت قىلىشىمىز كېرەك! » دېدى.



分享到: