新闻详情

شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى جاسارەت بىلەن قايتا سەپەرگە ئاتلاندى

发表时间:2021-07-30 10:18作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

100 يىللىق كۈرەش يولى يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندى

___ شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى جاسارەت بىلەن قايتا سەپەرگە ئاتلاندى

«گۈللەر كۈنگەي تەرەپكە ئېچىلدى، خۇاشيا ئوغۇل ـ قىزلىرى پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭدى...» 6 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات ـ سەنئەت پائالىيتى پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ۋاڭ چىن ئېيتقان «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز» دېگەن تەسىرلىك مېلودىيە ئىچىدە باشلاندى.

3.png

پۈتكۈل پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى روشەن، يارقىن نۇقتىلىرى كۆپ، پارتىيەگە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتى بايان قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش تارىخى چوڭقۇر ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، پارتىيەنىڭ شانلىق نەتىجىلىرى قىزغىن مەدھىيەلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى لاتارىيەچى كىشىلەرنىڭ جۇشقۇن روھىي قىياپىتى تولۇق نامايان قىلىندى، نەق مەيداندىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئامما چوڭقۇر ئىلھاملىنىپ، بەس ـ بەستە پائالىيەتنىڭ شۇ چاغدىكى قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، روھىنى ھەسسىلەپ ئۇرغۇتقانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇلار ئېتىقاد مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كىشىلىك تۇرمۇش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، پۇختا پوزىتسىيە، ئەمەلىي مەسئۇلىيەتچانلىق، سەمىمىي غەيرەت بىلەن يېڭى دەۋر تەرەققىياتىغا پائال ئاتلىنىدۇ.

4.png

7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى بارلىق كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى، پائالىيەت ئاساسلىقى تەبرىكلەش مۇراسىمىنى كۆرۈش، قەسەم سۆزى ۋە تىنچلىق سۆھبىتى تەسىراتىنى تەكرارلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

5.png

بىر پارتىيەلىك كادىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش نەق مەيدانىنى كۆرگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كىشىنىڭ غەيرىتىنى ئۇرغۇتىدۇ، قەلبى ئۇزاققىچە تىنچلىنالمايدۇ، بۈگۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق، ئۇ ئىچكى ـ تاشقى مالىمانچىلىق ئىچىدە دۇنياغا كەلدى، ئازاب ـ ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلدى، خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىش جەريانىدا زورايدى. 100 يىلدىن بۇيان جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق شانلىق مۇساپىنى قولغا كەلتۈردى. بېسىپ ئۆتكەن يوللارغا قارايدىغان بولساق، بىز بېسىپ ئۆتكەن يولنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. باش شۇجىنىڭ سۆزىدىن يېڭى جۇڭگونىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، كومپارتىيە بولمىسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى؛ كومپارتىيە بولمىسا، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم بولۇشى بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دەل جايىدا، ئەمەلىي بولۇپ، ئىش قىلىشقا ماھىر، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، كۈچنى بىر يەرگە مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئىشلىرىدا پارلاق يېڭى قەدەم تاشلاپ، پارتىيە ئەتراپىغا داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئاتلىنىپ، يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىدۇ!

(شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى)

分享到: