新闻详情

لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشتا روھىي ھالەت ئەڭ مۇھىم

发表时间:2021-08-03 11:23作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

6 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنى 2021170 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلدى، سانجى شەھىرى 65230269 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى 3D ئۇيۇنىدا 98800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى خۇشال ھالدا سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى ھەمدە خىزمەتچى خادىملارغا ئۆزىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

ئىگىلىنىشىچە، جاڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى پېشقەدەم لاتارىيەچى بولۇپ، ئىزچىل 3D ئۇيۇنى ۋە« 35 تىن 7 نى تاللاش» ئويۇنىغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلاپ كەلگەن. مۇكاپات ئالىدىغان چاغدا، جاڭ ئەپەندى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گەرچە ئۆزۈم لاتارىيە ئويناۋاتقىلى خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ، مۇكاپات چىققان نومۇرلارنىڭ يۆنىلىشىنى ئانچە تەتقىق قىلىپ كەتمەيمەن، ئەزەلدىن مۇقىم نومۇر تاللىمايمەن، ھەر قېتىم لاتارىيە سېتىۋالغاندا پۈتۈنلەي دېگۈدەك "قارىغۇلارچە سېتىۋالىمەن" ، خالىغانچە دو تىكىمەن، كۆڭلىدىكىدەك نومۇرنى تاللىۋالغان ھامان، قىلچە ئىككىلەنمەي ھەسسىلەپ دو تىكىمەن. بولۇپمۇ 3D ئويۇنى ئوينىغاندا، نومۇر تاللاشتا تېخىمۇ خالىغانچە تاللايمەن، نومۇر تاللاش ئىلھامى بەزىدە ئاپتوموبىل نومۇرىدىن كېلىدۇ، بەزىدە تۇغۇلغان كۈن نومۇرىدىن كېلىدۇ، ھەسسىلەپ تاشلاشنىڭ ھەسسىلىك سانى   تاللىغان نومۇرنى ياخشى كۆرۈش دەرىجىسى ۋە سېتىۋېلىشتىن بۇرۇنقى تۇيغۇغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامەت كەلدى، ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ! 29-ئىيۇن، جاڭ ئەپەندى ئادەتتىكىگە ئوخشاش دائىم بارىدىغان سانجى شەھىرى نىڭبيەن شەرقىي يولى ئوبلاستلىق 3-قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ 65230269 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، D3 ئويۇنىنىڭ يۆنىلىش خەرىتىسىنى كۆزەتكەندىن كېيىن، خې قىممىتى 13 كە نىسبەتەن ئالاھىدە تۇيغۇغا ئىگە بولدى، شۇنىڭ بىلەن كەسكىنلىك بىلەن قىممىتى 13 كە قارىتا 95 ھەسسە دو تىكىش ئېلىپ باردى، ئويلىمىغان يەردىن شۇ كۈنى مۇكاپات چىقتى. شۇ كۈنى پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنى 2021170 قارار مۇكاپات ئېچىلىپ، مۇكاپات نومۇرى 184 بولدى، جاڭ ئەپەندى 98800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش تەسىراتى ئۈستىدە توختالغاندا، جاڭ ئەپەندى كۆرەڭلىگەن ھالدا مۇنداق دېدى: « ھەسسىلەپ دو تىكىش كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشتىكى ئەڭگۈشتەر، ياخشى ئىشلىتىلسە، كۈتۈلمىگەن نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، بۇ قېتىم بۇنچە كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىممۇ ھەسسىلەپ دو تىكىشنىڭ تۆھپىسى!»-دېدى.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندا، جاڭ ئەپەندى يەنە تولۇقلاپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدى: « لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشتا روھىي ھالەت ئەڭ مۇھىم. باشقىلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ قارىغۇلارچە شامالغا ئەگەشمەسلىك ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن مەيۈسلەنمەسلىك كېرەك، مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ ئېھتىماللىقى بار، خۇشاللىق مەڭگۈلۈك بولىدۇ، مۇكاپات چىقسا ئەلۋەتتە خۇشال بۇلىمىز، مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىسە پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىق بولىدۇ ئەمەسمۇ!»-دېدى.

3.png

分享到: