新闻详情

پىشقەدەم لاتارىيەچى مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-08-05 12:14作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

يېقىندا، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تولى ناھىيەسى 65420156 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا تەلەيلىك لاتارىيەچى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى « دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» بىلەت تۈرىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 1 مىليون يۈەنگە يەتتى.

لاتارىيە سېتىۋالغىنىغا كۆپ يىل بولغان يې ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىسى بولۇپ، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىغا ئالاھىدە قىزىقىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: «بىلەت يۈزىنىڭ لايىھەلىنىشى نەپىس، ئويناش ئۇسۇلى كۆپ خىل، قىزىقارلىق بولۇپ، مەن مۇكاپات نەتىجىسىنى بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن قولغا كەلتۈرۈپ كۈتۈش تۇيغۇسى ۋە قاتنىشىش تۇيغۇسىدىن بەھرىمەن بولىمەن». 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، يې ئەپەندى 65420156 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا قەدەم تەشرىپ قىلدى، ئۇ مال ساتقۇچىنىڭ بىر بولاق«ئون ھەسسە ئامەت» ۋە« دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» نى ئېلىپ چىققانلىقىنى كۆردى، بىۋاسىتە سېزىمى ئۇنىڭغا، تەلەينىڭ دەل بۇنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە چوڭ قىممىتى بار « دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» نى تاللاپ سىناپ باقتى، ئۈچىنچى پارچىسىنى قىرغاندىن كىيىن، « مۇكاپات نومۇرى» 19 « مېنىڭ نومۇرۇم» دا پەيدا بولدى، ئۇنىڭ ئاستىدىكى مۇكاپات سوممىسى 1 مىليون يۈەن ئىدى. يې ئەپەندى مال ساتقۇچى خادىم بىلەن قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇپ، ھەقىقەتەن مىليون چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇشاللىنارلىق ئىشتىن ھاياجانلانغان يې ئەپەندى قالغان لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، ئۇچقاندەك ئۆيىگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بۇ خۇشخەۋەردىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا ئامەتلىك لاتارىيەچىنىڭ مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر تېزلا كوچىلارغا تارقالدى، نۇرغۇن لاتارىيەچىلەر بۇ پونكىتقا كېلىپ خۇشاللىققا چۆمدى. كۆپچىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئۈچۈن خۇشال بولۇۋاتقاندا، 6 ـ ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يې ئەپەندى ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسىگە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشكە كەلدى. مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندىن كېيىن، يې ئەپەندى ھاياجىنىنى ئۇزاققىچە باسالماي قالدى، ئۇ بۇ مۇكاپات پۇلىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەدىن كەلگەنلىكىنى، ئۇنى يەپ-ئىچىش، كۆڭۈل ئېچىشقا ئىشلتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ، كەلگۈسىدە پەرزەنت تەربىيەسىگە سەرپ قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن پاراۋانلىق ئىشلىرىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ئۆزىگە ئېلىپ كەلگەن تەلەيىگە رەھمەت ئېيتتى.

11.png

分享到: