新闻详情

پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا ياردەم بەردى

发表时间:2021-08-05 13:12作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

كەلكۈن رەھىمسىز، لىكىن كىشىلەر ئارىسىدا مېھىر-مۇھەببەت بار. يېقىندا، خېنەن ئۆلكىسىدە تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان قارا يامغۇر ئاپىتى يۈز بەردى، پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك قارا يامغۇر ياغدى، قاتتىق يامغۇر يېغىپ، كۆپ قىسىم ئۇل ئەسلىھەلەرنى ۋەيران قىلدى، ئېتىزلارنى سۇ بېسىپ كېتىپ، ئېغىر مال-مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلدى.

سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 25 ـ ئىيۇل بارلىق خىزمەتچىلەر ۋە ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش خادىملىرىنى ئىئانە توپلاش پائالىيىتىگە تەشكىللەپ، كۆپچىلىكنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىش» تەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپەت رايونىدىكى خەلققە ئۆزىنىڭ مېھىر ـ مۇھەببىتىنى بېغىشلاشقا چاقىردى.

كۆپچىلىك چاقىرىققا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىدى، كۆپچىلىك بەس-بەستە خېنەندىكى قېرىنداشلارغا ياردەم قولىنى سۇندى. تەبىئىي ئاپەت رەھىمسىز، لېكىن ئاددىي كىشىلەرنىڭ كۈچى تېخىمۇ ئۇلۇغ، 7 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىگىچە، سېتىش خادىملىرى ۋە خىزمەتچى خادىملار ئىئانە قىلغان سومما 14720 يۈەنگە يەتتى، ئىئانە قىلىنغان پۇللار سانجى ئوبلاستلىق خەير ـ ساخاۋەت باش جەمئىيىتىگە يەتكۈزۈلۈپ، خېنەن خەلقىنىڭ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلدى.

1.png

سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ما ۋېييې مۇنداق دېدى: گەرچە شىنجاڭ بىلەن خېنەننىڭ ئارىلىقى بىرقەدەر يىراق بولسىمۇ، لېكىن بىز قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، مۈرىنى ـ مۈرىگە تىرەپ تۇرساقلا، كىچىككىنە بولغان بىزمۇ چەكسىز كۈچ ـ قۇۋۋەتنى ئۇرغۇتالايمىز. بىردەك ئىتتىپاقلاشقان جۇڭگو خەلقى ئالدىدا ئەزەلدىن يەڭگىلى بولمايدىغان تەبىئىي ئاپەت، ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان داۋان يوق! مانا بۇ جۇڭگو روھى! مانا بۇ، جۇڭگونىڭ كۈچى! جۇڭگو، غەيرەت قىلىڭ! خېنەن، غەيرەت قىلىڭ! بىز بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بىللە ئۆتىمىز!»-دېدى.

分享到: