新闻详情

پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى مەھەللىلەرگە ئەكىرىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

发表时间:2021-08-11 18:47作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

قاراماي شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى «پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى مەھەللىلەرگە ئەكىرىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

پىدائىيلار مۇلازىمىتى روھىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، 7 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قاراماي شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىكى پىدائىيلار   شياڭخېيۈەن مەھەللىسىگە بېرىپ، «پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى مەھەللىلەرگە ئەكىرىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

قاراماي شەھىرىنىڭ 2021 ـ يىللىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ 2 ـ قېتىملىق ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈش ھالقىسىدا، قاراماي شەھىرىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى 100 گە يېقىن كۆزدىن كەچۈرۈش خادىمىغا «سايىۋەن» ھازىرلاپ بەردى،   «پاراۋانلىق لاتارىيەسى كۆپچىلىك پاراۋانلىقى» دېگەن خەتلەر بېسىلغان قىزىل كۈنلۈك نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئۆزگىچە ھۆسن قوشتى.

سەھەر سائەت 8دە، شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىكى پىدائىيلار بالدۇرلا شياڭخېيۈەن مەھەللىسىگە كېلىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ« تۆت كوپىراتىپ بىرلەشمە ھەرىكىتى» كۆرگەزمە مەيدانى تەييار قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، «سايىۋەن» قۇرۇپ، مەھەللە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەر ۋە پىدائىيلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشى ئارقىلىق، مەھەللىدە ئادەم كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. شىياڭشىياڭيۈەن مەھەللىسىگە كەلگەن 100 كىشىگە تومۇز ياز كۈنلىرىدىكى بىر بوتۇلكا سۇ، تاۋۇز، بىر پارچە پېچىنە سوۋغا قىلىش ئارقىلىق كىشىگە ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرىدۇ.

پىدائىيلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق، شياڭخېيۈەن مەھەللىسىدىكى ئاممىغا خاتىرجەملىك، ئىناقلىق ۋە گۈزەللىك ئاتا قىلدى. قاراماي شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىكى پىدائىيلار بۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى كۆپ قېتىم تەشكىللىدى، ئۇلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئۆزئارا ياردەم بېرىش، باشقىلارغا ياردەم بېرىش، خالىس تۆھپە قوشۇش، جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلماسلىق» تەك پىدائىيلار روھىنى جارى قىلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ «ياشانغانلارنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، يېتىملەرنى قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش» تىن ئىبارەت تارقىتىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەۋج ئالدۇردى.

2.png

پىدائىيلار يازدا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرىنى تارقىتىشقا تەييارلىق قىلدى.

3.png

پىدائىيلار قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان «سايىۋەن» بەرپا قىلدى

4.png

پىدائىيلار خىزمەتچى خادىملارغا تورت، تاۋۇز يەتكۈزۈپ بەردى

分享到: