新闻详情

كۆڭۈل قويۇپ نومۇر تاللاشقا يەنە ئازراق تەلەي قوشۇلسا كاتتا مۇكاپات چىقىدۇ

发表时间:2021-08-23 12:31作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

6 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنى 2021157 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نومۇرى 807 بولۇپ، قومۇلدىكى تەلەيلىك لاتارىيەچى 35 دو يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 34600 يۈەن بولدى.

6 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، 50 نەچچە ياشلىق لاتارىيەچى لاۋ لى قومۇل شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، خۇشال ـ خۇرام ھالدا ئۆزىگە تەۋە 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپاتنى ئالدى. لاۋ لىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، ئىزچىل ئۇنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى تەرىپىدىن جەلپ قىلىنىپ كەلگەن، ھەر كۈنى بىردىن ئىككىگىچە 3D لاتارىيەسىگە دو تىكىشمۇ ئۇنىڭ « زۆرۈر دەرسلىكى» بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ھەر قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا ئاز بولغاندا نەچچە يۈەن، كۆپ بولغاندا نەچچە ئون يۈەن مۇكاپات ئالىدىكەن. نومۇر تاللاش ماھارىتى جەھەتتە، لاۋ لى ئۆزىنىڭ «تەسىراتى» غا ئىگە بولۇپ، ئىلگىرىكى مۇكاپات تارقىتىش نومۇرىغا ئاساسەن نومۇر تاللاش ھەمدە مۇۋاپىق پەيتتە نەچچە ھەسسە دو تىكىش، بۇ ئۇنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئۇسلۇبى، شۇنداقلا مول نەتىجىگە ئېرىشتىكى ئاساسى. ھازىرغا قەدەر، لاۋ لى ھەر يىلى بىر قېتىم 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا، كىچىك دەرىجىلىك مۇكاپاتلار كۆپ ئىدىس.

لاۋ لى دائىم مۇنداق دېدى:«پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ 3D ئويۇن ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، 1 دو لاتارىيە بېلىتى 2 يۈەن، ناھايىتى كۆڭۈللۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇكاپات چىقىدۇ. شۇڭا لاۋ لى بوش ۋاقىتلىرىنىمۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا ئۆتكۈزىدۇ، بۇ ئۇنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنىغا بولغان مۇھەببىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.

3D ئويۇنى 2021157-قاراردا، لاۋ لى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، 100 خانىسى 8 بىلەن10 خانىسى 7 نىڭ ناھايىتى چوڭ ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بايقىغان، لېكىن 10 خانىسىدىكى ساننى بېكىتىش تەس ئىدى، ئۇ مۇكاپات نومۇرىنى يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇشتۇمتۇت 10 خانىسى سان 0 نىڭ يېقىنقى 18 قاراردا چىقمىغانلىقىنى بايقاپ، يېقىنقى بىر قانچە قاراردا 0 نىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. شۇنىڭ بىلەن 807 بۇ نومۇرغا 35 ھەسسە دو تىككەن، نەتىجىدە شۇ كۈنى يەنە بىر قېتىم 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، لاۋ لى لاتارىيە سېتىۋېلىش تەسىراتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ مۇنداق دېدى:«نەچچە ھەسسە كۆپ دو تىككەندە چوقۇم پۇرسەتنى توغرا كۆرۈش كېرەك، ھەرگىز قارىغۇلارچە دو تىكىشكە بولمايدۇ، كۆڭۈل قويۇپ نومۇر تاللاشقا يەنە ئازراق تەلەي قوشۇلسا، كاتتا مۇكاپات تەبىئىي ھالدا چىقىدۇ!»-دېدى.

分享到: