ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

3D ئۇيۇنى ئوينىسا مانا مۇشۇنداق خۇشاللىقلارغا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ

发表时间:2021-09-08 23:30作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى


ئۇچرىشىش كۆپ ھاللاردا بەختنىڭ باشلىنىشى؛ بەختنىڭ يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن كۆپ ھاللاردا چىڭ تۇرۇش ۋە تەجىربە توپلاش كەم بولسا بولمايدۇ. بىز دائىم باشقىلارنىڭ بەخت-سائادەتكە ئېرىشكەنلىكىگە ھەۋەس قىلىمىز، خۇرسىنىمىز، ئەمەلىيەتتە بەخت ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا مەۋجۇت بولۇپ، ھەر ۋاقىت بىزگە يېتىپ كېلىشى مۇمكىن. قىزغىن سۆيۈش، چىڭ تۇرۇش، شۇندىلا ئامەت سىزگە يار بۇلىشى مۇمكىن، كورلا شەھىرى 65280224 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى لۈ ئەپەندى دەل مۇشۇنداق بىر تەلەيلىك ئادەم.

« مەن ئادەتتە سېتىۋالغان لاتارىيە بىلىتىنىڭ سوممىسى مۇقىم ئەمەس، بەزىدە ئاز، بەزىدە كۆپ، ئەھۋالغا قاراپ نومۇر تاللايمەن، مۇكاپات چىققان شۇ كۈنى مەن 25 ھەسسە دو تىككەن ئىدىم، بۇنداق تەلەيلىك بولۇشنى ھەقىقەتەن ئويلاپ باقماپتىمەن، ھەقىقەتەن قالتىس ئىش بولدى!»-لۈ ئەپەندى بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى. ئىگىلىنىشىچە، لۈ ئەپەندى كورلا شەھىرىگە كېلىپ خىزمەت قىلىپ ئۇزۇن بولمىغان، ئىلگىرى يۇرتىدىكى چېغىدىلا پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ھەر خىل ئويۇنلىرىنى، بولۇپمۇ 3D ئويۇنلىرىنى ئويناشقا ئامراق ئىكەن. كورلا شەھىرىگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، لاتارىيە سېتىۋېلىش ئادىتىنى يەنىلا ساقلاپ كەلگەن،خىزمەت ئالدىراشچلىقىدىن سىرت ۋاقىتلاردا، 65280224 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئۇ ئارام ئالىدىغان ياخشى جايغا ئايلانغان ئىدى.

شۇ كۈنى، لۈ ئەپەندى 65280224 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ، ئادەت خاراكتېرلىك ھالدا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ كەلدى، بىر نەچچە دو 3D ئويۇنى سېتىۋالماقچى بولدى. ئۇ بىر پەس ئويلىنىش ئارقىلىق 3D نومۇرلىرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى كۆزەتكەندىن كېيىن، 645، 546 دىن ئىبارەت بۇ ئىككى دو نۇمۇرنى تاللاپ، 25 ھەسسە دو تىكتى. تەلىيىنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىز كېلىشىنى كىم بىلسۇن، شۇ كۈنى 3D ئويۇننىڭ مۇكاپات نومۇرى دەرۋەقە « 546» بولۇپ، لۈ ئەپەندى 26 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

لۈ ئەپەندى مۇكاپات ئالغاندا ئۇدۇللا قىلىپ مۇنداق دېدى: «كاتتا ئامەت تۇيۇقسىز كەلسە ھەقىقەتەن بەك قالتىس ئىش بۇلىدىكەن! ئىنتايىن خۇشال بولدۇم! 3D ئۇيۇنى ئوينىسا مانا مۇشۇنداق خۇشاللىقلارغا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ!!»-دېدى.


分享到: