新闻详情

لى بىن ئەپەندى «شادلىق 8» ئۇيۇنىدا 22060 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-09-13 11:10作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

«شادلىق 8» ئويۇنى بويىچە مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، سانجى شەھىرىدە لاتارىيە سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى، لاتارىيەچىلەرنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، كىچىك مۇكاپاتلار ئۈزۈلمىدى، كاتتا مۇكاپات ئارقا-ئارقىدىن تارقىتىلدى، لاتارىيەچىلەر تېخىمۇ خۇشال بولدى، بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى بەك ياخشى بولدى !

سانجى ئوبلاستى ۋۇجياچۈ شەھىرىدىكى پېشقەدەم لاتارىيەچى لى بىن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتىدىن ئىزچىل ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى،شۇ كۈنى يەنە مول ھوسۇل ئالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنىلا زور ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، بەشنى تاللاش ئويناش ئۇسۇلىدا دەن 4 چۈەن تو دو تىكتى، 4 دانە دەنمانىڭ ھەممىسى چىقتى، خۇشاللىق بىلەن 22060 يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى.

مۇكاپات چىققان شۇ كۈنى، لى بىن ئادەتتىكىگە ئوخشاش دائىم بارىدىغان 65452332 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى ھەم مال ساتقۇچى شياۋليۇ بىلەن بىرلىكتە «شادلىق 8» ئۇيۇنى نومۇر يۈزلىنىشىنى تەتقىق قىلدى. بىر سائەت پىكىر ئالماشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، لى بىن «توردا ئالقىشلانغان» بەشنى تاللاش ئويناش ئۇسۇلى دەن 4 چۈەن تو بويىچە دو تىكىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى. لى بىن مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى:«مۇكاپات چىققان ھامان، مۇكاپات سوممىسى ئادەتتىكىدىن كۆپ يۇقىرى بولىدۇ، مەيلى قايسى ئويۇن بولسۇن، مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى ئېلىپ بېرىلسىلا، مەن كۆڭۈل قويۇپ قاتنىشىمەن».

شۇ كۈنى كەچتە، «شادلىق 8» ئويۇنى مۇكاپات ئېچىلدى، لى بىن ئۆزىنىڭ لاتارىيە بېلىتىنى چىقىرىپ نومۇرىنى سېلىشتۇردى، ئەمدىلا بىر قاراپلا نومۇرنىڭ بىر ئاز تونۇش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنچە تەلەيلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ مال ساتقۇچى شياۋليۇدىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلدى، تېلېفوندا شياۋليۇ ھاياجانلانغان ھالدا: « مۇبارەك بولسۇن! مۇكاپات چىقىپتۇ، مۇكاپات سوممىسى 22060 يۈەن! »-دېدى، شۇ چاغدىكى لى بىن ھاياجىنىنى باسالماي، قاتتىق چۆچۈپ كەتتى، دەرھال خۇشال ھالدا 65452332 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ مۇكاپات پۇلىنى ئالدى.

مۇكاپات ئالغاندا، لى بىن خۇرسىنغان ھالدا مۇنداق دېدى:«پاراۋانلىق لاتارىيەسىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن يىلار ئۆتتى، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان پەيتلار بولدى، كىچىككىنە ئەپسۇسلىنىدىغان پەيتلارمۇ بولدى، كىچىك مۇكاپات ئۈزۈلمەيدىغان ۋاقىتلارمۇ ھەم بولدى، ئۇدا نەچچە كۈن مۇكاپات چىقمايدىغان ۋاقىتلارمۇ بولدى، لېكىن مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ماڭا ئېلىپ كېلىدىغىنى خۇشاللىق، مەن چارچىغان ۋاقتىمدا پاراۋانلىق لاتارىيە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ماڭا ئازادىچىلىك ئېلىپ كىلىدۇ.»-دېدى.


分享到: