ليۇ ئەپەندى«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش»ئۇيۇنىدا 400 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى发表时间:2021-09-14 12:19作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، مۇكاپات چىقىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، كونا- يېىڭى لاتارىيەچىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى، بولۇپمۇ «ئون ھەسسە ئامەت» لاتارىيە بېلىتىدىن كەينى-كەينىدىن چوڭ مۇكاپاتلار چىقتى. مانا، 7-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، قەشقەر شەھىرى شياۋيالاڭ سۇ ئامبىرى كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى ئىچىدىكى كىچىك سېتىش نۇقتىسدىن خۇش خەۋەر كەلدى، بىر تەلەيلىك لاتارىيەچى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 400 مىڭ يۈەن بولدى. ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى ليۇ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىسى بولۇپ، قۇرۇق قول پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ بىر نەچچە پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ ئارام ئالغان. 13-چېسلا چۈشتىن كېيىن، ليۇ ئەپەندى بالىسىنى ئېلىپ شياۋيالاڭ سەيلىگاھىغا ئوينىغىلى بېرىپ، كىچىك سېتىش نۇقتىسى ئالدىدىن ئۆتتى، بىر نەچچە كۈن لاتارىيە ئوينىيالمىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، بىردىنلا قىزىقىپ قالدى، ئۇزاق ئۆتمەيلا كۆڭلىدىكىدەك لاتارىيە بېلەت تۈرىنى تاللاپ بولدى، 40 يۈەنگە قىممىتى 20 يۈەنلىك ئىككى دانە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «ئون ھەسسە ئامەت» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى. ليۇ ئەپەندى لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالدا قىرىشقا باشلىدى. بىرىنچى پارچە لاتارىيە بېلىتىدىن مۇكاپات چىقمىدى، ليۇ ئەپەندى سەل خاپا بولۇپ، ئۆز-ئۆزىنى ئامىتىىڭ يوق ئىكەن دەپ مەسخىرە قىلدى؛ ئىككىنچى پارچىسىدىن 20 يۈەن مۇكاپات چىقتى. ـــ «ماڭا يەنە بىرنى ئالماشتۇرۇپ بېرىڭ!»-ليۇ ئەپەندى مال ساتقۇچى خادىم سۇنغان ئۈچىنچى پارچە «ئون ھەسسە ئامەت» لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ قىرىشقا باشلىدى، « مېنىڭ نومۇرۇم» رايونىدىكى نومۇرى بىلەن مۇكاپات نۇمۇرى ئوخشاش « 47» دېگەن سان چىقتى، ئارقىدىنلا ئوڭ تەرەپتىكى ماس كېلىدىغان مۇكاپات رايونىنى قىرىغاندىن كىيىن، «¥400,000» نامايەن بولدى. تۇيۇقسىز كەلگەن خۇشاللىق ليۇ ئەپەندىنى گاڭگىرتىپ قويدى، كۆپ قېتىم سېلىشتۇرغاندىن كېيىن يەنىلا خاتىرجەم بولالمىغان ليۇ ئەپەندى تاكى مال ساتقۇچىنىڭ ياردىمىدە ئاندىن مۇكاپات چىققانلىق پاكىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. يېقىندا ليۇ ئەپەندى قەشقەر ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ كاتتا مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى. رەسمىيەتنى بېجىرىش جەريانىدا ليۇ ئەپەندىنىڭ ئاغزى يۇمۇلماي قالدى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا:«كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىغا بېرىپ ئويناپ يەنە مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، مېنىڭ تەلىيىم بەك ياخشى ئىكەن!»-دېدى، ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇ مەيلى مۇكاپاتقا ئېرىشسۇن ياكى ئېرىشمىسۇن، پاراۋانلىق ئىشلىرىغا داۋاملىق كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى، بۇمۇ ئۆزىنىڭ ياخشىلىق قىلىش، ئەخلاق توپلاشنىڭ ئۈمىدى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. |