新闻详情

لاتارىيەچىلەر بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ

发表时间:2021-09-18 13:05作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 2021-يىلىنىڭ يېرىمى ئۆتۈپ كەتتى، بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ئايدا، پاراۋانلىق لاتارىيەسى «قوش رەڭلىك توپ» ئالتىنچى ئاينىڭ قۇيرۇقىغا دەسسەپ يىتىپ كەلدى ۋە لاتارىيەچى دوستلارغا كاتتا سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى!

22-چىسلا كەچتە، «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2021069 ـ قارارلىق مۇكاپات ئېچىلدى، ئۈرۈمچىدىكى لاتارىيەچى شىڭ ئەپەندى 28 يۈەنلىك «7 + 2» قايتىلانما بېلەتكە تايىنىپ، بىر دو 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئىككى دو 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە باشقا پارچە مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 8475388 يۈەن بولدى.

24-چىسلا شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات نەقلەشتۈرگەن شىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ لاتارىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ھېكايىسى توغرىسىدا توختىلىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ : پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى پېشقەدەم لاتارىيەچى بولۇش سۈپىتى ئون نەچچە يىل ئىلگىرىلا لاتارىيە سېتىۋېلىش ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ «قوش رەڭلىك توپ» ، «3D» ، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى قاتارلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئويۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوينايدىلىقىنى، بولۇپمۇ «قوش رەڭلىك توپ» نى ئاساسىي جەھەتتىن ھەر قارار سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئيېتتى. « ئاندا-ساندا كىچىك مۇكاپات چىقسا رازى بولىمەن، مۇكاپات چىقمىغان تەقدىردىمۇ، مۇكاپات چىقىش جەريانىنى كۈتۈشنىڭ ئۆزى ۋە مۇكاپاتقا تەقەززار بۇلۇش ناھايىتى گۈزەل تۇيغۇ!»-دېدى.

«قوش رەڭلىك توپ» نى ياخشى كۆرىدىغان شىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ نومۇر تاللاش ماھارىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى، ئۇ گەرچە لاتارىيە بېلىتى تاشلاشنى ياخشى كۆرسىمۇ، ئەمما نومۇرنىڭ يۈزلىنىشىنى بەك كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەتقىق قىلىشنى، نومۇر ئانالىزىنى ياخشى كۆرمەيتتى، ئاسانلا لاتارىيە سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرەتتى، شۇڭا دو تىككەندە ئادەتتە قايسىسىنى توغرا دەپ قارىسا شۇنى تاللايدىغانلىقىنى ئېيتتى، بولمىسا ئاپتوماتىك نۇمۇر تاللايتتى. كېيىن شىن ئەپەندى «نومۇر ساقلاش» نىڭ ۋاقىت ۋە كۈچنى تېجەيدىغان بىر خىل ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن كۆپ يىللار ئىلگىرى « 2 + 7» دىن بىرنى تاللاپ، ئۇدا چىڭ تۇرۇپ نۇمۇر ساقلاپ كەلدى، ئەگەر كىچىك مۇكاپات چىقىپ قالسا، ئۇ نومۇرنى تەڭشەيتتى، مانا مۇشۇنداق قىلىپ 10 يىل داۋانلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئاخىر كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مۇكاپات ئېچىلغان كۈنى كەچتە، شىن ئەپەندى لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ مۇكاپات نومۇرىنى سېلىشتۇرىدۇ، ئوپمۇ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ، ئەمما يەنىلا ئىشەنگۈسى كەلمەي، ئايالىنى قايتىدىن سېلىشتۇرۇشقا چاقىرىدۇ، ئەر-ئايال ئىككىسى قايتا جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ راستتىنلا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.«ئەينى چاغدا ئىككىمىز گاڭگىراپ قالدۇق، لېكىن بەك ھاياجانلىنىپ كەتمىدۇق.»-دېدى شىن ئەپەندى.

شىن ئەپەندى بۇ مۇكاپاتنى قانداق ئىشلىتىشنى تېخى ئويلىشىپ بولالمىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئائىلە تۇرمۇش ئەھۋالىنىڭ يەنىلا مۇقىم ئىكەنلىكىنى، ئۆزگەرتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئوينايدىغانلىقىنى، "قوش رەڭلىك توپ" نى داۋاملىق ئويناپلا قالماي، يەنە يېقىندا مۇكاپات قۇشۇپ بېرىدىغان "شادلىىق 8" نىمۇ سىناپ باققۇسى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ـــ ئادەمنىڭ گۈزەل شەيئىلەرگە نىسبەتەن ھامان ئۈمىدى بولىدۇ، خۇددى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغۇچىغا ئوخشاش، كۆڭلىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. كۈتۈش بولسىلا تۇرمۇشتا ئۈمىد بار بولىدۇ، بەزىدە تۇرمۇش گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىمىز تۇرمۇشقا قەنت قوشۇشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك.»-دېدى.

(ئۈرۈمچى جاڭ مىن)

分享到: