ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

ئامەتلىك لاتارىيەچى ۋۇ ئەپەندى «شادلىق8» ئۇيۇنىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-09-18 17:55作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

پىژغىرىم ئىسسىق ياز پەسلى يېتىپ كەلدى، بۇ تېمپېراتۇرىدىنمۇ بەكرەك قىزىق بولغىنى 16-چىسلا باشلانغان «شادلىق 8» ئويۇنى 280 مىليون يۈەنلىك مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى!

شىخەنزىدە ئولتۇرۇشلۇق ۋۇ ئەپەندى ھەر كۈنى ئىشقا بېرىپ-كېلىشتە 65030011 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتىدۇ، ۋاقتى چىققاندا ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ بىر نەچچە تال لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدۇ. ۋۇ ئەپەندى ئۆزىنىڭ تېخنىكا تىپىدىكى لاتارىيەچى ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ، شۇڭا ھەر قېتىم مال ساتقۇچى شياۋ ۋاڭغا نومۇر تەۋسىيە قىلىشنى ئېيتىدۇ، ئاندىن ئۇ مۇشۇ نومۇرنى ساقلايدۇ. 18-چىسلا ۋۇ ئەپەندى يەنە 65030011 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، ئىشىكتىن كىرىپلا كۈلۈپ تۇرۇپ: « شياۋۋاڭ، ماڭا يەنە شادلىق 8 نى تاللاپ بېرىڭ! »-دېدى، شياۋ ۋاڭ ئۇنىڭغا يېقىندىن بۇيان ناھايىتى قىزىپ كەتكەن «بەشنى تاللاش» ئۇسۇلى دەن 4 چۈەن تونى تەۋسىيە قىلدى، دەنما « 09، 22، 36، 47». شۇنىڭ بىلەن ۋۇ ئەپەندى بۇ نومۇرىنى ساقلاشقا باشلىدى، ئويلىمىغان يەردىن تۆتىنچى قارارغا كەلگەندە، يەنى 21-چىسلا تۆت دانە دەنمانىڭ ھەممىسى چىقتى، مۇكاپات تارقىتىلىدىغان مەزگىل بولغاچقا، ئۇ بىراقلا 22060 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ۋۇ ئەپەندى خۇشال بولۇپ كەتتى، ئەتىسى ئالايىتەن شىخەنزە پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى. « شادلىق 8 نىڭ ئويناش ئۇسۇلى كۆپ، مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى چوڭ، باشقا ئويۇنلارغا قارىغاندا تېخىمۇ قىزىقارلىق، بۇنىڭدىن كېيىن مەن ئاساسلىقى شادلىق 8 نى تەتقىق قىلىمەن!»ـــ دېدى ۋۇ ئەپەندى مۇكاپاتىنى ئالغاندىن كېيىن.

(شىخەنزە جاڭفەن)

分享到: