ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

فۇكاڭ شەھىرىدىكى لاتارىيەچى 150000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-09-23 18:04作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

كونىلاردا: « كىشىلىك ھاياتتا كۈتۈلمىگەن ئىللىقلىق ۋە مەڭگۈلۈك ئۈمىد بولىدۇ» دېگەن گەپ بار. بىر كۈنلۈك خىزمەتنى تۈگىتىپ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن نېمە ئىش قىلىسىز؟ چېنىقىش ئۆيى ياكى باغچىغا بېرىپ تەنھەركەت قىلامسىز؟ ياكى بىر نەچچە دوست بىر يەرگە جەم بولۇپ، تۇرمۇش توغرىسىدا مۇڭدىشامسىز؟ بۈگۈن تەھرىر كۆپچىلىككە فۇكاڭ شەھىرىدىكى بىر لاتارىيەچىنى تونۇشتۇرماقچى، ئۇ تەلەيلىك ھالدا 150000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەلەيلىك دوستىمىزنىڭ فامىلىسى ما بولۇپ، فۇكاڭلىق ئىدى، ئۇ ئادەتتە ئىشقا بارغاندىن باشقا ۋاقىتىلىرىدا يەنە بىر قىزىقىشى بار ئىكەن، يەنى ھەر قېتىم ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، مەھەللە ئالدىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش پونكىتىغا كىرىش بۇلۇپ، ھەر قېتىم دېگۈدەك بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، تەلىيىنى سىناپ باقاتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە پاراۋانلىق ئىشلىرىغا تۆھپە قۇشۇپ مھېر-شەپقەت يەتكۈزەتتى.

شۇ كۈنى، شياۋما ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئادەتتىكىدەك مەھەللە ئالدىدىكى 65230211 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، 10 دو «شادلىق 8» ئۇيۇنىغا دو تىككەندىن كېيىن، مال ساتقۇچى بىلەن پاراڭلاشتى. پاراڭ سېلىشىۋاتقاندا، شياۋما توساتتىن يېنىدا تۇرغان بېلەت كۆرگەزمە سۇپىسىدىكى رەڭگارەڭ «قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش» لاتارىيە بېلىتىنى كۆرۈپ، بىردىنلا قىزىقىپ، خالىغان ھالدا ئىككى پارچە «ئالتۇن بەخت يۇلتۇزى» نى تاللاپ، بىر چەتتە ئولتۇرۇپ بېلەتنى ئەستايىدىللىق بىلەن قىرىشقا باشلىدى. شىياۋما بىرىنچى پارچە لاتارىيە بېلىتىنى قىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىگە مۇكاپات چىققمىغانلىقىنى ھېس قىلدى، ئازراق ئۈمىدسىزلەنگەن بولسىمۇ، ئارقىدىنلا ئۇ يەنە ئىككىنچى پارچىسىنى قىردى، مۆجىزە تۇيۇقسىز يۈز بەردى، بىلەت يۈزىدىكى ئوخشاش بىر مەيدان ئويۇندا ئىككى ئوخشاش سان يەنى 11 پەيدا بولغان بۇلۇپ، ئويۇن قائىدىسىگە ئاساسەن، شىياۋماغا مۇكاپات چىققان. شىياۋما مۇكاپات پۇلىنى كۆرۈپ، تۇيۇقسىز ھاياجانلانغانلىقىدىن مال ساتقۇچىغا قاراپ ۋارقىراپ كەتتى، «تېز كېلىپ قاراڭ، مەن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، 150 مىڭ يۈەن!!!». بىر چەتتە تۇرغان مال ساتقۇچى دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ كۆردى، دەرۋەقە بىر گۇرۇپپا ئوخشاش نومۇر 11 بولۇپ، ئاستىغا يېزىلغان مۇكاپات سوممىسى 150000 يۈەن ئىدى. مال ساتقۇچى دەرھال: « مۇبارەك بولسۇن! 150 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقىپتۇ! ياخشى!! ياخشى!!!»، مال ساتقۇچىنىڭ ئېنىق جاۋابىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، شىياۋما تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ، دەرھال مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇش خەۋەرنى تېلېفون ئارقىلىق ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېيتتى.

سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات ئالغاندا، شياۋ ما ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن ھەيران قالدىم، ئادەتتە ئىزچىل لاتارىيە سېتىۋېلىپ، بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمگە رەھمەت. شياۋما مۇكاپات پۇلىنى تەقسىملەشكە قارىتا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: مەن بۇ پۇل ئارقىلىق ئائىلەمنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاپ، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ راھەت قىلىشقا ئىشلىتىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم مۇكاپاتلارنى ئېلىپ قېلىپ داۋاملىق لاتارىيە پاراۋانلىقىنى قوللاش، لاتارىيە سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرىمەن، ئامەتنىڭ ماڭا ئىزچىل يار بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

(فۇكاڭ جاڭجيەنشېڭ)


分享到: