新闻详情

قاراماي شەھىرىدىكى لاتارىيەچى جاۋ ئەپەندى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-09-26 11:21作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

قاراماي شەھىرىدىكى لاتارىيەچى جاۋ ئەپەندىنىڭ لاتارىيە ئويناۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولدى، 65020082 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ ئارام ئالىدىغان، كۆڭۈل ئاچىدىغان جايى، ئۇ ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندە، ئالدى بىلەن پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ كېلىدۇ، بۇ بىر خىل ئادەتكە ئايلانغان ئىدى.

شۇ كۈنى، جاۋ ئەپەندى ئادەتتىكىگە ئوخشاش 65020082 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، ئۇ مال ساتقۇچىغا خالىغانچە بەش تال «قوش رەڭلىك توپ» يەككە نومۇر تاللاتقۇزدى، مال ساتقۇچى چاقچاق قىلىپ: « لاۋ جاۋ! مېنىڭچە سىزنىڭ تەلىيىڭىز بار، بەلكىم ئاپتوماتىك تاللىغان نۇمۇردا چوڭ مۇكاپات چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. مۇكاپات چىقسا مېنى تاماققا تەكلىپ قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ!»-دېدى، جاۋ ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ:« چاتاق يوق! مەن راستتىنلا شۇنداق تەلەيلىك بولسام ياخشى بولاتتى!»-دېدى.

شۇ قارار قوش رەڭلىك توپ مۇكاپات ئېچىلغاندىن كىيىن، جاۋ ئەپەندى داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى، يەنى بىر دو 138135 يۈەنلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بايقىدى. ئويلىمىغان يەردىن، ئاپتوماتىك تاللىغان نومۇر شۇنچە كۆپ ئامەت ئېلىپ كەلدى! جاۋ ئەپەندى بۇ ئىشنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمەي، يۈزىنى قاتتىق چىمدەپ، ئاندىن بۇنىڭ چۈش ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈردى.

جاۋ ئەپەندى مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: « ئاپتوماتىك نۇمۇر تاللاش ئارقىلىق 100 نەچچە مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، بۇ ھەقىقەتەن قالتىس ئىش بولدى! مەن ھازىرلا ۋەدەمگە ئەمەل قىلىپ، مال ساتقۇچىنى تاماققا تەكلىپ قىلىمەن!»-دېدى.

(قاراماي لىلىڭ)

分享到: