新闻详情

قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيەچىلەرگە يەنە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى

发表时间:2021-10-12 17:22作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

يېقىندا، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش سېتىلغان «جېڭداڭخۇڭ 正当红» يۈرۈشلۈك لاتارىيە ئويۇنى شىنجاڭ بازىرىدا يولغا قۇيۇلدى، بۇ ئۇيۇندا قىممىتى 50 يۈەن، قىممىتى 20 يۈەن، قىممىتى 10 يۈەندىن ئىبارەت ئۈچ خىل بېلەت تۈرى بولۇپ، لاتارىيەچىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، لاتارىيەچىلەرگە ئوخشىمىغان مۇكاپاتقا ئېرىشىش تەسىراتى ئېلىپ كەلدى.

«جېڭداڭخۇڭ 正当红» يۈرۈشلۈك لاتارىيە بېلىتىنىڭ يۈزى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ھالەتتە، جۇڭگو تۈگۈچى، قىزىل پانۇس، ساليوت قاتارلىق ئالاھىدە خۇشاللىق ئېلېمېنتلىرىدىن تەركىب تاپقان، بۇ كۈنلىرىمىزنىڭ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنلىكىگە، ياخشى كۈنلىرىمىزنىڭ ««جېڭداڭخۇڭ 正当红»» بولغانلىقىغا، تەلىيىمىزنىڭ «جېڭداڭخۇڭ 正当红» بولغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان.

«جېڭداڭخۇڭ 正当红 50 يۈەن» لاتارىيە بېلىتى، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 1 مىليون يۈەن، 35 قېتىم مۇكاپات چىقىش پۇرسىتى بولۇپ، سەككىز مۇكاپات دەرىجىسى تەسىس قىلىنغان، مۇكاپات پۇلىنىڭ قايتۇرۇلۇش نىسبىتى% 65 بولغان. لاتارىيە ئويۇنىنىڭ قائىدىسى: مەزكۇر لاتارىيەدە جەمئىي ئىككى ئويناش ئۇسۇلى بار بولۇپ، ئىككى ئويناش رايونىدىن مۇكاپات چىقسىلا مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ. بىرىنچى خىل ئويناش ئۇسۇلى: ياپقۇچ پەردىسىنى قىرىپ ئېچىپ، ئەگەر ھەر قانداق مۇكاپات سوممىسى چىقسا، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مۇكاپات چىقسىلا مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ. ئىككىنچى خىل ئويناش ئۇسۇلى: ياپقۇچ پەردىسىنى قىرىپ ئېچى، ئەگەر خالىغان بىر « مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن خالىغان بىر « مۇكاپات نومۇرى» ئوخشاش بولسا، بۇ « مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئاستىدىكى ماس كېلىدىغان مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ؛ مۇكاپات چىقسىلا مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ.

9.png

(«جېڭداڭخۇڭ 正当红 50 يۈەن» لاتارىيە بېلەت نۇسخىسى)

«جېڭداڭخۇڭ 正当红 20 يۈەن» لاتارىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 800 مىڭ يۈەن، 20 قېتىم مۇكاپات چىقىش پۇرسىتى بولۇپ، 10 مۇكاپات دەرىجىسى بار، مۇكاپات پۇلىنىڭ قايتۇرۇلۇش نىسبىتى% 65 بولغان. ئويۇن قائىدىسى: ياپقۇچ پەردىسىنى قىرىشتا، ئەگەر خالىغان بىر« مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن« مۇكاپات نومۇرى» ئوخشاش بولسا، بۇ« مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئاستى تەرىپىگە ماس كېلىدىغان مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ؛ ئەگەر« رەسىم بەلگىسى» نى چىقسا، بۇ رەسىم بەلگىسىنىڭ ئاستى تەرىپىگە ماس كېلىدىغان مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مۇكاپات چىقسىلا مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ.

10.png

(«جېڭداڭخۇڭ 正当红 20 يۈەن» لاتارىيە بېلەت نۇسخىسى)

«جېڭداڭخۇڭ 正当红 10 يۈەن» لاتارىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 300 مىڭ يۈەن، 12 قېتىم مۇكاپات چىقىش پۇرسىتى بولۇپ، جەمئىي توققۇز مۇكاپات دەرىجىسى بار، مۇكاپات پۇلىنىڭ قايتۇرۇلۇش نىسبىتى% 65 بولغان. لاتارىيە ئويۇنىنىڭ قائىدىسى: ياپقۇچ پەردىسىنى قىرىپ ئېچىپ، ئەگەر خالىغان بىر« مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن خالىغان« مۇكاپات نومۇرى» ئوخشاش بولسا، بۇ« مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئاستىدىكى ماس كېلىدىغان مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ؛ ئەگەر« رەسىم بەلگىسى» چىقسا، بۇ رەسىمنىڭ ئاستىدىكى مۇناسىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مۇكاپات چىقسىلا مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ.

11.png

(«جېڭداڭخۇڭ 正当红 10 يۈەن» لاتارىيە بېلەت نۇسخىسى)


分享到: